ئالەم ئۇچقۇچىلىرى نېمە ئۈچۈن ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كىيىمىنى كىيىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئالەم بوشلۇقىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كۆپىنچە ۋاقىتتا ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىسىنىڭ بۆلمىسى ئىچىدە تۇرىدۇ. بۆلمە ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە ھاۋا بېسىمى يەر يۈزىدىكى مۇھىتتىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. بۇ چاغدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كىيىمىنى كىيمەي، بۆلمە ئىچىدە ئەركىن - ئىختىيارى لەيلەپ يۈرسە بولىدۇ.
ئەگەر ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۆلمىدىن چىقىپ، ئالەم بوشلۇقىدا تۇرماقچى بولسا، قېلىن تىكىلگەن ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كىيىمىنى كىيىۋېلىشى زۆرۈر. چۈنكى ئالەم بوشلۇقىدا ھاۋا يوق دېيەرلىك، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى جىددىي بولۇپ، ھەممىلا يەرنى خەتەرلىك ئالەم نۇرلىرى قاپلىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالەم بوشلۇقىدىكى چوڭ - كىچىك مېتېئورىتلار ۋە ئالەم بوشلۇقى ئەخلەتلىرى ھەمىشە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كىيىمى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئالەم بوشلۇقىدىن كېلىدىغان ھەر خىل زىياندىن ساقلاپ قالىدۇ.
ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كىيىمىنىڭ لايىھىلىنىشى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئىچ - تېشى بىر نەچچە قەۋەتتىن تۈزۈلگەن، ئەڭ سىرتىدىكى بىر قەۋەت چىداملىقلىقى يۇقىرى بىرىكمە تالادىن ئىشلەنگەن بولۇپ، مېتېئورىت قاتارلىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالايدۇ، يەنە ئالەم نۇرلىرىنىڭ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قەۋەت بېسىم ئاشۇرۇلغان قەۋەتتىن ئىبارەت بېسىم ئاشۇرۇلغان قەۋەتكە ھاۋا تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ نورمال بېسىم مۇھىتىدا تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكىسى تېمپېراتۇرا تەڭشەش قەۋىتىدىن ئىبارەت، بۇ قەۋەتكە ئىنچىكە نەيچىلەر قاتار - قاتار ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئىنچىكە نەيچىگە تېمپېراتۇرا تەڭشەش سۇيۇقلۇقى قاچىلانغان، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئېھتىياجخغا ئاساسەن ئۆزى مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىنى تەڭشىۋالالايدۇ. ئەڭ ئىچىدىكىسى بەدەنگە تېگىپ تۇرىدىغان ئىچ كىيىمدىن ئىبارەت. ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئىچ كىيىمى يەڭگىل ۋە يۇمشاق، ئېلاستىك بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭغا يەنە ھەر ۋاقىت ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ يۈرەك رىتىمى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ھەمدە ئۇچرىغان رادىئاتسىيىنىڭ كۈچلۈكلۈكى قاتارلىقلارنى ئۆلچەپ تۇرالايدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەنە رېئاكتىۋ سومكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا مڭېىشىغا ياردەم بېرىدۇ، خەۋەرلىشىش سومكىسى بولسا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى شېرىكلىرى بىلەن ئۆز ئارا سۆزلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.