UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكۆكيۆتەل بالىلارنى ئائىلىدە قانداقكۈتۈش كېرەك؟

كۆكيۆتەل بالىلارنى ئائىلىدە قانداقكۈتۈش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن كۆكيۆتەلنىڭ كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن، شۇڭا ئائىلىدىكى كۈتۈش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1. ئايرىپ تۇرۇپ داۋالاش. ئايرىش مەزگىلى سىپازمىلىق يۆتىلىش كۆرۈلگەندىن كېيىن 30 كۈن، بۇ مەزگىلدە باشقا كىچىك بالىلار بىلەن ئۇچرىشىشقا بولمايدۇ. باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. 2. ياخشى بولغان تۇرالغۇ ئۆي مۇھىتى. ئۆي ئىچىنىڭ تىنچ، پاكىز، ھاۋاسى ساپ، كۈن نۇرى يېتەرلىك، ئىسسىقلىق نەملىكنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى ساقلاش، سىپازمىلىق يۆتەلنى قوزغىتىدىغان ئامىللار مەسىلەن: ئىس، چاڭ - توزان، غەيرىي پۇراق قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك. 3. ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىش. ئوزۇقلۇقى مول، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىمايدىغان يېمەكلىكلەرنى تاللاپ، ئاز - ئازدىن كۆپ قېتىم يەپ بېرىش، بەك سوغۇق، بەك قىزىق يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىپ سىپازمىلىق يۆتەلنى قوزغاپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 4. ئارام ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش. يېنىكرەكلىرى كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. كېسەللەنگۈچىنى ئۆي ئىچىدە مۇۋاپىق دەرىجىدە ھەرىكەت قىلدۇرسا بولىدۇ. ھاياجانلىنىش، ئاچچىقلاش، يىغلاش بىلەن قاتتىق يۆتەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىش، ئېغىرلىرى يېتىپ ئارام ئېلىشى كېرەك. 5. ئېغىز بوشلۇقىنىڭ پەرۋىشىنى كۈچەيتىش. ھەر كۈنى ئىلمان تۇز سۈيى بىلەن ئېغىز بوشلۇقىنى ئۈچ - تۆت قېتىم تازىلاش، يۆتەل ھەم قۇسۇشتىن كېيىن ئىلمان قايناق سۇ بىلەن ئېغىزنى چايقاپ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك. 6. كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش. ئەگەر بەلغەم شىلىمشىق بولۇپ يۆتىلىپ چىقىرىۋېتىشكە قۇلايسىز بولسا، تۇمانلاشتۇرۇپ سۈمۈرگۈچ ۋە بەلغەم بوشىتىش دورىلىرىنى بېرىش لېكىن دوختۇرنىڭ تاپىلىغىنىغا ئەمەل قىلىش. ئەگەر نەپەسلىنىش قىيىنلىشىش، كالپۇكى كۆكىرىش، دۆلىنىش قاتارلىقلار بايقالسا، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە