UyghurWiki
UyghurWikiنەمەپىل چاشقاندىن قورقامدۇ؟

پىل چاشقاندىن قورقامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن پىل قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ چوڭ ھايۋان بولۇپ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىردىن ئاشىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى ئالتە توننىغا بارىدۇ. غايەت زور گەۋدىسىنىڭ ئاستىدا تۈۋرۈكتەك يوغان تۆت پۇتى بار، بىر پۇتىنىڭ ئىزى تەلەڭگىنڭ چوڭلۇقىدەك كېلىدۇ. بۇ چوڭ مەخلۇققا <ھايۋانلار پادىشاھى> دەپ ئاتىلىدىغان شىر ياكى يولۋاسمۇ تەك كېلەلمەيدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا، پىلنىڭ دۈشمىنى يوق دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى ، ھازىر بىر مۇنچە كىشىلەر شىر بىلەن يولۋاسنىڭ پىلغا كۈچى يەتمىسىمۇ، لېكىن كىچىككىنە چاشقان پىلنى قورقۇتالايدۇ دەپ قارايدۇ. نىمە ئۈچۈن مۇنداق بولىدۇ دېگەندە، بۇنىڭ تېگى - تەكتىنى سۈرۈشتۈرسەك، ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى: چاشقاننىڭ جۇغى كېچىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پىلنىڭ خارتۇمىغا كىرىۋېلىپ پىلنى دەم ئالالمايدىغان قىلىپ قويىدىكەن، ھەتتا پىلنىڭ مېڭىسىگە كىرىۋالىدىكەن، دېگەن بىر رىۋايەت تارقالغانىكەن. گەرچە بۇنداق ئىش كۆرۈلۈپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ رىۋايەت ناھايىتى كەڭ تارقىلىپ زور تەسىر قوزغىغانىكەن. ئالىملار بۇ رىۋايەتنىڭ ھەقىقىيلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، تايلاندقا بېرىپ بىر قانچە پىل فېرمىسىنى تەكشۈرگەن. ئۇ يەردە نۇرغۇن چاشقانلار بار ئىكەن، بىراق پىللارنىڭ چاشقانلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ باقماپتۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئالىملار دەل رىۋايەتتىكى ئەھۋالنىڭ ئەكسىنى كۆرۈپتۇ: چاشقانلار بىرەر پىلنى كۆرسە قورقۇپ تىكىۋېتىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، چاشقان پىلنىڭ خارتۇمىغا كىرىۋالسىمۇ، پىل خارتۇمىنى بىرلا سىلكىپ چاشقاننى چۆرۈپ تاشلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە