نېمە ئۈچۈن ئاتنىڭ يۈزى ئۇزۇن بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئات تىلغا ئېلىنسا، تەبىئىي ھالدىلا، ئۇنىڭ تۆت تۇيىقى، ئۇچقاندەك چېپىپ كېتىۋاتقان قىياپىتى، شىللىسىدا يەلپۈنۈپ تۇرغان چىرايلىق يالى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ئەمما ئاتنىڭ يۈزىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى ئۇنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكىدۇر، ئاتنىڭ يۈزى كالىىڭكىگە پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدۇ. ئاتنىڭ يۈزىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنىڭ قانداق خاسىيتى بار؟
ئاتنىڭ ئاغزى يۈزىنىڭ چوڭ بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، چۈنكى ئاتنىڭ كالىنىڭكىگە ئوخشاش كۆشەش ئىقتىدارى بولمىغاچقا، چايناپ يۇتقان ئوت - چۆپنى ئاشقازىنىدا ساقلىيالمايدۇ، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، ئات ئوت - چۆپنى يۇمشىتىدۇ. ۋە نەمدەيدۇ، بۇنىڭ چايناشقا ۋە يۇتۇشقا ياردىمى بار. شۇڭا، ئاتنىڭ ئىسكىلاتقا ئوخشىشىدىغان ئاغزىلا خېلى كۆپ ئوت - چۆپنى سىغدۇرالايدۇ، ئاتنىڭ يۈزىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى يوغان ئاغزى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ئوت - چۆپ يېگەچ دۈشمەن ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئاتنىڭ يۈزىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى، ئاتنىڭ كۆزى بىلەن قۇلىقى يۈزىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بولىدۇ، ئات ئاغزىنى قويۇق ئوت - چۆپلەر ئارىسىغا تىقىپ ئوت - چۆپ يېگەندە، يۈزى ئۇزۇن بولغاچقا كۆزى بىلەن قۇلىقى ئوت - چۆپلەردىن ئېگىز چىقىپ تۇرىدۇ، قىسقىسى ئاتنىڭ يۈزى ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئاتنىڭ ئوزۇقلىنىشى ۋە دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىشىغا زور ياردەم بېرىدۇ.