UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئۈزۈكنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇشقا تەسىرى بارمۇ؟

ئۈزۈكنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇشقا تەسىرى بارمۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئۈزۈك ھامىلىدار بولۇشتىن ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن، ئاساسلىقى ئۇ بالىياتقۇ بوشلۇقىدا ئۇرۇقنىڭ ئۇرۇقلىنىش ۋە كۆپىيىشىگە توسالغۇلۇق قىلىدۇ. بۇ خىل ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى پەقەت قىسمەن ۋە ۋاقىتلىق بولىدۇ. ئۈزۈكنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن بالىياتقۇدا توسالغۇ بولمايدۇ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇ ئىچىدە يېتىلىپ ھامىلە بولىدۇ. شۇڭا ئۈزۈك كېيىنكى تۇغۇتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىراق سۈپەتلىك تۇغۇشقا تەسىر كۆرسىتەمدۇ - يوق؟ ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، ئۈزۈكنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن تەخمىنەن 90% ئاياللار بىر يىل ئىچىدە ھامىلىدار بولغان ھەم شۇنداقلا ھامىلىدار بولۇشى ۋە تۇغۇتى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان. ھامىلىنىڭ يېتىلىشىمۇ نورمال بولغان، بالىياتقۇ پەردىسىنىڭ نورمال ئارام ئېلىۋېلىشى ئۈچۈن، ئادەتتە ئۈزۈكنى ئېلىۋېتىپ، ئۈچ ئايدىن كېيىن قايتا ھامىلىدار بولسا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئۈزۈكنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇشقا تەسىرى بارمۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki