UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ خەتەرگە يۈزلىنىش روھى< غا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

بالىلارنىڭ خەتەرگە يۈزلىنىش روھى< غا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن تەخمىنەن 18 ئاي بولغان بالىلار ئاللىقاچان پۇختا قەدەم بىلەن ماڭالايدىغان، ئۆزى بېرىشنى خالىغان يەرگە بارالايدىغان، نېمىنى كۆرسە تۇتۇپ باققۇسى، سىيلاپ باققۇسى كېلىدىغان بولۇپ، كۈچلۈك <خەتەرگە يۈزلىنىش روھى> نى ئىپادىلەيدۇ. بۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان باسقۇچ بولۇپ، بالىلارنىڭ ئىزدىنىشى ۋە تاشقى دۇنياغا بولغان قىزىقىشى باشلىنىدىغان ۋاقىت. بۇ ۋاقىتتا، بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەتراپتىكى شەيئىلەر توغرىسىدا ئىزدىنىپ باقىدۇ، ئۆزىنىڭ تۈرلۈك سەزگۈر ئەزالىرى ئارقىلىق شەيئىلەرنى تونۇپ، چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولىدۇ. ئىزدىنىش ئارقىلىق، بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، مول بىلىم توپلىنىدۇ. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ بۇ خىل ئىزدىنىش ھەرىكىتىگە ئىلھام بېرىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلار چۈشەنمەيدىغان نەرسىلەرنى، ئەھۋاللارنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش، زىيادە قىممەت ۋە خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىۋېتىپ، بالىلار ئۈچۈن بىخەتەر بولغان ئىزدىنىش دۇنياسىنى يارىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە