ئىلگىرىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنېمىشقا مۇۋاپىق ئەمەس؟
نېمە ئۈچۈن
ئانىلار بالا ئېمىۋاتقان مەزگىلدىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى بىلەن يېڭى توي قىلغان ۋاقىتتىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى چۈشىنىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئانىلار تۇغقاندىن كېيىن تۇخۇمداننىڭ تۇخۇم ئاجرىتىشى ۋە ھەيزنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى ئانىلاردا ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن تۇخۇمدان تۇخۇم ئاجرىتىدۇ. شۇڭا، بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە، بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەزگىلدە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشنى قوللانغان تەقدىردىمۇ بىخەتەر بولمايدۇ. ھەيزى تەرتىپسىز ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ بالىياتقۇ بوينىدىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ مىقدارىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە ئاساسەن تۇخۇم چىقىرىلىش ۋاقتىغا ھۆكۈم قىلسا بولىدۇ (تۇخۇمداندىن تۇخۇم چىقىرىلىشتىن ئىلگىرى ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، بالىياتقۇ بوينىدىن چىققان شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ مىقدارىمۇ كۆپىيىدۇ). دورا ئۆسۈملۈكلەردىن قىلىنغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى بالا ئېمىتكەن مەزگىلدە ئىشلىتىش قەتئىي چەكلىنىدۇ، بۇ خىل دورىلارنىڭ تەركىبىدە ئانىلىق ھورمۇن بولۇپ، سۈتنىڭ مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدۇ. سۈتنىڭ سۈپىتىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بۇ بالىنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا بۇ خىل دورا بىۋاسىتە سۈت ئارقىلىق بالىنىڭ تېنىگە كىرىدۇ. ئانا بۇ خىل دورىنى ئىشلىتىۋاتقان ۋاقىتتا، بالىنىڭ بەدىنىدىمۇ نۇرغۇنلىغان ھورمۇنلار ھامىلىدارلىقتىن ساقلاش دورىسى پەيدا بولىدۇ. بۇ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە نىسبەتەن خەتەرلىك، شۇڭا، بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدىكى ئانا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش سايمىنىدىمۇ يېڭى مەسىلە بار، <ئۈزۈك سالدۇرۇش> ھازىر بىر ئاز ئومۇملىشىۋاتقان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى. بىراق بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدىكى بالىياتقۇ نېپىز ھەم يۇمشاق بولۇپ، <ئۈزۈك سالدۇرغاندا> ناھايىتى ئوڭايلا تۆشۈك پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدىكى بالىياتقۇ بىر ئاز كىچىك، كىچىكرەك <ئۈزۈكنى> بالىياتقۇ تۆۋەن قىسمىغا سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھامىلىدارلىقتىن ساقلاشقا بولمىسا، ناھايىتى ئوڭايلا بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ.