UyghurWiki›نەمە›يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى باكتېرىيىلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىنى قانداق
كۈتۈش كېرەك؟
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى باكتېرىيىلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىنى قانداق كۈتۈش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى باكتېرىيىلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىدا سۆزنەك شار باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. تۆرەلمە تۇغۇت يولى ئارقىلىقيۇقۇملىنىدۇ. يەنە ئاتا - ئانىنىڭ مەينەت قولى تېگىشتىن كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى تەخمىنەن 12 ~ 48 سائەت بولۇپ، دائىم تۇغۇلۇپ ئىككى كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە كېسەل يۈز بېرىدۇ. ئىپادىسى قاپاق ئىششىپ قېلىش، بىرىكتۈرگۈچى پەردىگە قان تولۇش، يىرىڭلىق ئاجراتمىلار بولۇش، ياللۇغ مۈڭگۈزلۈك پەردىگىچە كېڭىيىش ھەتتا جاراھەت شەكىللەندۈرۈپ، تېشىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا كۆرۈش قۇۋۋىتى يوقىلىش. تۇغۇلغاندىن كېيىنكى يۇقۇملىنىشقا نىسبەتەن ئالدىنى ئېلىشتا بوۋاق بىلەن ئۇچراشقۇچى ئادەملەر قولىنى يۇيۇش ھەمدە بۇلغانغان لۆڭگە بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆزىنى سۈرتمەسلىك ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. كۆزدىكى ئاجراتمىلار كۆپرەك بولغاندا فىزىئولوگىيىلىك تۇز سۈيى ياكى پاكىز سۇ بىلەن كۆزنى ھەر كۈنى ئۈچ قېتىمدىن تۆت قېتىمغىچە يۇيۇش ھەمدە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.