UyghurWiki›نەمە›بوۋاقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قانداق جىددىي قۇتقۇزۇشدورىلىرى ۋە داۋالاشتا
ئىشلىتىدىغانسايمانلارنى تەييارلاپ قويۇشكېرەك؟
بوۋاقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قانداق جىددىي قۇتقۇزۇشدورىلىرى ۋە داۋالاشتا ئىشلىتىدىغانسايمانلارنى تەييارلاپ قويۇشكېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاق بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنرەك بولغانلىقتىن قىزىپ قېلىش ياكى ئاغرىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بوۋاق ئۆمىلەپ ياكى ماڭغاندىن كېيىن دائىم يىقىلىپ ياكى ئۈسۈۋېلىپ يارىلىنىدۇ. بەزىبىر ئۇششاق كېسەل يېنىك يارىلارغا نىسبەتەن ئاددىي بولغان ئائىلىدە ئاسراشلارنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئائىلىدە كۈتۈشنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى جىددىي قۇتقۇزۇش دورىلىرى ۋە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلارنى تەييارلاپ قويۇش كېرەك. موچىن، قايچا، تېرمومېتىر، داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان پاختا پىلتىكۈچ، داكا، بېنت، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان پىلاستىر، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرت ياكى مېركۇروخروم، ھىدروگېن پروكسىد (قوش ئوكسىگېنلىق سۇ)، سىنك ئوكسىدى مەلھىمى، ئانتىبىئوتىك مەلھىمى، كۆزگە تېمىتىش دورىسى، قىزىتما قايتۇرۇپ ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلار، جۇڭيى زۇكام دورىسى، ئاشقازان - ئۈچەي دورىسى قاتارلىقلار. جىددىي قۇتقۇزۇش دورىلىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر يىلى ئۇلارغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەم ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.