ئەمچەكنى قانداق ئاسراش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئانا سۈتى بىلەن بالىنى ئوڭۇشلۇق بېقىش ئۈچۈن، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئەمچەكنى ئاسراش ناھايىتى مۇھىم. ئاۋۋال ئەمچەك توپچىسىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى كۆزىتىش. ئەگەر ئەمچەك توپچىسى تۈز ياكى ئويمان ھالەتتە بولسا تەڭشەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. كونكرېت ئۇسۇلى — ھەر كۈنى يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، بارماق بىلەن ئەمچەك توپچىسىنى قىسىپ، يۇقىرىغا تارتىش، ئاندىن يېنىك ھالدا ئەمچەك توپچىسىنى ئۇۋۇلاش. ئۇۋۇلىغان ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى ئۆسۈملۈك مېيىنى سۈرتۈپ ئۇۋۇلاش، بازاردا سېتىلىۋاتقان ئەمچەك توپچىسىنى شورىغۇچى ئەسۋاب ئىشلىتىشمۇ بولىدىغان چارە. بىراق، بويىدىن ئاجراپ كېتىش ياكى بالدۇر بويىدىن ئاجراپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، ئەگەر ئەمچەكنى غىدىقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك. ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، بەزىدە ئەمچەكتىن سۈزۈك سېرىق رەڭلىك سۇيۇقلۇق ئاجرىلىپ چىقىپ (دەسلەپكى سۈت)، قۇرۇق قاقاچ باغلاپ، ئوڭايلا تېرىنى زەخىملەندۈرىدۇ. بۇ چاغدا پاكىز يۇيۇۋېتىش، ئەمچەك توپچىسى ياكى ئەتراپىنى ئىسسىق سۇ ۋە ماغزاپ بىلەن پاكىز يۇغاندىن كېيىن، زەيتۇن مېيى ياكى ۋىتامىن E قاتارلىق مەلھەملەر بىلەن ئاسراش كېرەك.