نېمە ئۈچۈن نېلۇپەر يوپۇرمىقىدىكى سۇ تامچىسى شارسىمان بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يازدا يامغۇر ياغقاندا يامغۇر تامچىلىرى نېلۇپەر يوپۇرمىقىغا چۈشكەن يامغۇر تامچىلىرىنى ھاسىل بولغان دانە - دانە زۇمرەتتەك سۈزۈك تامچىلارنى كۆرىمىز. بۇ سۇيۇق جىسىمنىڭ يۈزىدىكى كېڭىيىش كۈچىدىن پەيدا بولغان ھادىسىدۇر.
سۇيۇق جىسىممۇ باشقا ماددىلارغا ئوخشاش مولېكۇلىلاردىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ مولېكۇلىلار ئوتتۇرىسىدا بىر - بىرىنى تارتىش كۈچى مەۋجۇت. سۇيۇق جىسىمنىڭ ئچىكى قىسمىدىكى ھەر بىر مولېكۇلا باشقا مولېكۇلىلارنىڭ قورشاۋىدا بولىدۇ. شۇڭا ھەر قايسى يۆنىلىشتە تارتىش كۈچىگە ئۇچرايدۇ. بۇ تارتىش كۈچىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولۇپ، بىر - بىرىنى يوقىتىدۇ، ئەمما، سۇيۇق جىسىمنىڭ يۈزىدىكى مولېكۇلا تۆۋەن ۋە يان تەرەپتىكى مولېكۇلىنىڭ تارتىش كۈچىگە ئۇچرىغاندا، ئۇلارنىڭ رولى بىلەن يۈزىدىكى مولېكۇلا ئىچى تەرەپكە يۆتكىلىدۇ، نەتىجىدە سۇيۇق جىسىمنىڭ يۈزى بىر قەۋەت چىڭ تارتىلغان رېزىنكە يوپۇقتەك تارىيىپ ئەڭ كىچىك ھەجىمگە كېلىدۇ. مۇشۇ خىل سۇيۇق جىسىمنىڭ يۈزىنى بويلاپ ئۇنىڭ بىلەن كېسىشىپ، ئۇنى تارايتقان كۈچ تاشقى كېڭىيىش كۈچى بولىدۇ. بەلگىلىك ھەجىمدىكى جىسىم ئۈچۈن ئېيتقاندا، تاشقى كۆرۈنۈشى شارسىمان ھالەتكە كەلگەندە تاشقى ھەجىمى ئەڭ كىچىك بولىدۇ. شۇڭا، نېلۇپەر يوپۇرمىقىدىكى سۇ تامچىسى تاشقى كېڭىيىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە شارسىمان ھالەتكە كېلىدۇ.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىز يەنە بىر مۇنچە تاشقى كېڭىيىش كۈچى ھادىسىلىرىنى بايقايمىز. يىڭنىنى سۇ يۈزىگە ئاستا قويساق، سۇ يۈزىدە لەيلەپ تۇرىدۇ؛ بەزىدە ئىستاكانغا سۇ قۇيساق، سۇ يۈزى ئىستاكان ئاغزىدىن سەل - پەل ئېشىپ كەتسىمۇ تېشىپ كەتمەيدۇ؛ بەزى جانىۋارلار سۇ يۈزىدە ئەركىن ماڭالايدۇ؛ بالىلار پۈۋلەپ ئوينايدىغان سوپۇن ماغزىپىمۇ تاشقى كېڭىيىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە، ماغزاپنىڭ ئىچكى - تاشقى ئىككى سۇيۇقلۇق يۈزىنىڭ ئۈزلۈكسىز تارىيىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر.