يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ <چۆچۈش> ى كېسەللىكمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئاتا - ئانىلار بەلكىم بوۋاقنىڭ يوتقاننى ئېچىۋېتىش، يۇقىرى ئاۋاز، كۈچلۈك نۇر ھەمدە بەدەن ئورنىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەسىرلەرگە ئۇچرىغاندا، بەزىدە بەدىنىنىڭ تەبىئىي ھالدا تىترىگىنىنى بايقىشى مۇمكىن. ئادەتتە بۇ خىل يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغاندا تىترىشىنى <چۆچۈش> دەيمىز، ئۇ بىر خىل نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە. سەۋەبى شۇكى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى گەرچە باشقا ئەزالاردىن كۆپ ئالدىدا بولسىمۇ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن بەدە ئېغىرلىقىنىڭ 12% ~ 10% (چوڭلارنىڭ پەقەت 2%) ىنى ئىگىلەيدۇ. لېكىن نېرۋا ھۈجەيرىلىرى بىلەن نېرۋا يىلىك غىلىپى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن، غىدىقلاشنى چەكلەش جەريانى مۇكەممەل ئەمەس، قاتتىق تەسىردىن شەكىللەنگەن غىدىقلىنىشقا ئاسانلا <ئىنكاس قايتۇرىدۇ>. شۇڭا كۈچلۈكرەك تەسىر بوۋاقلاردا <چۆچۈش> پەيدا قىلىدۇ. بۇ نورمال ھادىسە، بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ بۇ خىل تىترەش ئەھۋالى بارغانسېرى ئازلاپ يوقايدۇ، لېكىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چۆچۈشى بىلەن تارتىشىپ (دۆلىنىپ) قېلىشىنى ئېنىق ئايرىش كېرەك. ئەگەر يوتقاننى ئاچقاندا بوۋاقنىڭ كۆزى تىكىلىپ قالغان، تىترىگەن ياكى كۆزنى توختىماي چىمچىقلاتقان، تەكرار چاينىغان ياكى ئېمىش ھەرىكىتىنى قىلىۋاتقان، نەپىسى تەرتىپسىز بولۇش بىلەن بىللە چىرايى كۆكىرىپ، يۈز تېرىسى تارتىشىپ قالغان ياكى تەكرار ھالدا تېز سۈرئەتتە مەلۇم بىر قول ياكى پۇتنى ھەرىكەتلەندۈرگەن ۋە ياكى مەلۇم قىسىمنىڭ تارتىشىشى ھەمدە تۇتقاقلىق خاراكتېرلىك سپازما بىللە كەلسە بۇلارنىڭ ھەممىسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تارتىشىپ قېلىشنىڭ بەلگىسى بولۇپ، بوۋاقنىڭ مەلۇم كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈپ داۋالاش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ.