UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار نېمىشقا قۇم ئويناشقا ئامراق بولىدۇ؟

بالىلار نېمىشقا قۇم ئويناشقا ئامراق بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ قۇمنى ئويناشقا ئالاھىدە ئامراق ئىكەنلىكىنى، قۇمنى كۆرگەن ھامان مېڭىشقا ئۇنىماي، ھەمىشە قۇمنىڭ ئۈستىدە ئۇياقتىن - بۇياققا مېڭىپ ئوينايدىغانلىقىنى، توختىماستىن قۇمنى چاڭگاللاپ، قۇم دۆۋىسىدىن تۆشۈك ۋە قەلئە ياساپ ئوينايدىغانلىقىنى بايقىشىدۇ. بالىلارنىڭ قۇم ئويناشقا ئامراق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ ئىدراك جەھەتتىكى يېتىلىشنىڭ بىر قەدەر بالدۇر بولغانلىقى، قۇمنىڭ ئۇلارنىڭ ئىدراك جەھەتتىكى يېتىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت. قۇرۇق قۇمنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، بالىلار قولى بىلەن قۇمنى ئاستىدىن - ئۈستىگە دۆۋىلەپ ئوينىغاندا، قۇم ئاستا - ئاستا ئۈستىدىن سىيرىلىپ چۈشىدۇ شۇنداقلا قۇم ناھايىتى سىلىق بولۇپ، تۇتقاندا ناھايىتى راھەت ھېس قىلىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ كۆرۈش ۋە يېقىنلىشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، بالىلارغا ئالاھىدە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئازراق نەم بولغان قۇملار بىر ئاز قېتىشچان بولۇپ، بالىلار بۇ خىل قۇملار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى نەرسىلەرنى ياساپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. قولى بىلەن قۇم دۆۋىسىدىن خىلمۇخىل تۆشۈكلەرنى ياسايدۇ، نۇرغۇنلىغان كىچىك دوستلار بىرلىكتە تۆشۈك تېشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ قۇمغا بولغان قىزىقىشى ئالاھىدە كۈچلۈك، بىراق بالىلار قۇمنى زىيادە كۆپ ئوينىماسلىقى كېرەك. چۈنكى ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن تېرىسىگە خىلمۇخىل ئەسۋىلەر چىقىپ قالىدۇ. شۇڭا، بالىلار قۇمنى مۇۋاپىق مىقداردا ئوينىغىنى ياخشى
← بارلىق تېمىلار نەمە