بالىلار قايسى خىل ئىچىملىكنى ئوڭايلىقچە ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بازاردا سېتىلىۋاتبقان نۇرغۇنلىغان ئىچىملىكلەر چوڭلارغا ماس كېلىدۇ، بالىلارنىڭ تەن ساپاسى چوڭلارنىڭكىگە قارىغاندا ئاجىز بولۇپ، بۇ خىل ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلسا سالامەتلىكىگە زىيانلىق. بالىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدىغان ئىچىملىكلەر تۆۋەندىكىچە:
1. روھلاندۇرغۇچى ئىچىملىكلەر: مەسىلەن: قەھۋە، كولا قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدىكى قەھۋە بالىلارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى روھلاندۇرغۇچى رولىغا ئىگە بولۇپ، مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2. ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر: ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر ئاشقازان، ئۈچەينىڭ شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، نورمال ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسپىرت جىگەر ھۈجەيرىلىرىگە زىيانلىق بولۇپ، ئېغىر بولغاندا ئاممىياك ئېنزىملىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.
3. قېنىق دەملەنگەن چاي قاتارلىقلار: بەزى بالىلارنىڭ چايغا بولغان سېزىمچانلىقى يۇقىرى بولۇپ، ئوڭايلا نېرۋىنى روھلاندۇرۇپ، يۈرەك سوقۇشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. سۈيدۈكنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چاي يوپۇرمىقى تەركىبىدىكى ئەيلەنگەن ماددىلار بىلەن يېمەكلىكتىكى ئاقسىل بىرلىشىپ، ئاقسىل ماددىسىنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
4. گازلىق ئىچىملىكلەر: بۇ خىل ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدە سودا بولۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاشقازان كىسلاتاسى ئازلىغاندا، بالىلارنىڭ ئاشقازان - ئۈچەي يولى ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. گازلىق سۇنىڭ يەنە تەركىبىدە فوسفورىك كىسلاتالىق ئاش تۇزى بولۇپ، تۆمۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.