مېۋە سۈتلىرىنى كالا سۈتى ئورنىدا ئىچىشكە بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان مېۋە سۈتلىرى ئەمەلىيەتتە سۈت تۈرلىرىگە كىرمەيدۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى پەقەت سۇ ۋە شېكەر. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم ئوزۇقلۇق ماددىلار مەسىلەن: كالتسىي، ۋىتامىن A، ۋىتامىن D قاتارلىقلار قوشۇلغان بولۇپ، ھەقىقىي مەنىدىكى <سۈت> ئەمەس. بەلگىلىمە بويىچە، سۈت تەركىبىدىكى سۇنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى سۈتنىڭ قاتتىق جىسىم ماددىسىدىكى ئېغىرلىقى ئومۇمىي ئېغىرلىقىنىڭ 11.2% ىدىن يۇقىرى بولسا، مايدىكى ئىگىلىگەن مىقدارى 3% تىن يۇقىرى بولسا، ساپ سۈتتىكى ئاقسىل مىقدارى 3% تىن يۇقىرى بولسا بولىدۇ. مېۋە سۈتى سۈتلۈك ئىچىملىككە تەۋە بولۇپ، كالا سۈتىگە ئىككى ھەسسە سۇ قوشۇلىدۇ. يەنە شېكەر، مۇئەتتەر ۋە باشقا تېتىتقۇلارنى قوشۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە، ئاقسىل مىقدارى 1% تىن تۆۋەن بولمىسلا بولىدۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەقىقىي كالا سۈتىدىن خېلى تۆۋەن تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى كالا سۈتى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەزى مېۋە سۈتلىرىنىڭ تەمىمۇ ھەقىقىي مېۋە تەمى ئەمەس بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت بالىغا بۇنى بەرسە، بالىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق. شۇنداقلا بۇ خىل ئىچىملىكنىڭ تەركىبىدە شېكەر مىقدارى بىر ئاز كۆپ، دائىم ئىستېمال قىلسا، بالىنىڭ ئىشتىھاسىنى تۇتۇۋالىدۇ. ھەتتا تاماقتىن چىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.