UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاق بەلغەم يىغىلىشتىن خىرىلىدىغان ئاۋازچىقارسا قانداق قىلىش كېرەك؟

بوۋاق بەلغەم يىغىلىشتىن خىرىلىدىغان ئاۋازچىقارسا قانداق قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئىككى ئايلىق ئەتىراپىدىكى بوۋاقلارنىڭ بەزىدە كېكىردەك ياكى كۆكرەك قىسمىدىن خور - خور قىلغان بەلغەم يىغىلىپ قالغان ئاۋازنى ئاڭلاشقا بولىدۇ. بۇ ئاساسلىقى كانايچە ئاجرالمىلار بىلەن يېنىك دەرىجىدە توسۇلۇپ قالغانلىقتىن پەيدا بولغان. ئەمەلىيەتتە بەزى بوۋاقلاردا ئەڭ بالدۇر بولغاندا تۇغۇلۇپ يېرىم ئايدىلا بەلغەم يىغىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بەلغەم يىغىلىش بولغان بوۋاقلار كېچىدە يۆتىلىدۇ، يۆتەلگە ئەگىشىپ ھەتتا سۈتنى تۈكۈرۈۋېتىدۇ. بەلغەم يىغىلىشتىن خىرىلدىغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن روھىي كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى، سۈت ئېمىشى نورمال، بەدەن ئېغىرلىقىمۇ نورمال ئاشسا، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولمىسا ئاتا - ئانىنىڭ ئەنسىرەپ بوۋاقنى كېسەل ئورنىدا كۆرۈپ كۈتۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. لېكىن ئەگەر بوۋاقنىڭ بەلغەم يىغىلىش ئەھۋالى روشەنرەك بولغاندا، يۇيۇش قېتىم سانىنى كونترول قىلىش لازىم. چۈنكى بالىنى يۇغاندا قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، كانايچىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بەلغەمنىڭ يىغىلىشىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. ئەگەر ھاۋا ياخشى بولسا ئىمكانقەدەر بوۋاقنى سىرتقا ئەپچىقىپ ھاۋا مۇنچىسىغا چۈشۈرۈش، مۇسكۇللىرىنى ۋە كانايچىلىرىنى چېنىقتۇرۇپ، بەدىنىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بوۋاقنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل ئەھۋال بارا - بارا ئاجىزلايدۇ ياكى يوقىلىپ كېتىدۇ، پەقەت ئاز بىر قىسىم چېنىقىش كەمچىل بولغان بوۋاقلاردا ئاندىن چوڭ بولغاندا <زىققە كېسىلى پەيدا بولىدۇ.>
← بارلىق تېمىلار نەمە