نېمە ئۈچۈن تىمساھنىڭ كۆزىدىن ياش ئاقىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
قەدىمدىن بۇيان، تىمساھ ئولجىنى بىر تەرەپتىن يالماپ يۇتۇپ، بىر تەرەپتىن ئاغزىدىكى قۇربان بولغۇچى ئۈچۈن كۆزىدىن قايغۇلۇق ياش ئاققۇزىدۇ، دەيدىغان رىۋايەت تارقالغان. ئەمەلىيەتتە تىمساھنىڭ كۆزىدىن ياش ئاققۇزۇشى ئۆلگۈچىگە ھېسداشلىق قىلىش بولماستىن، بەلكى بەدىنىدىكى ئوشۇقچە تۇزنى ئاجرىتىپ چىقىرىۋېتىشى ئىكەن.
بۆرەك ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدىكى كېرەكسىز ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىۋېتىدىغان ئەزاسى ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. لېكىن تىمساھنىڭ بۆرىكىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمىغاچقا، بەدىنىدىكى ئوشۇقچە تۇزنى ئاجرىتىپ چىقىرىۋېتەلمەيدۇ. شۇڭا، تىمساھ تۇز بەزلىرى ئارقىلىق بەدىنىدىكى ئوشۇقچە تۇزنى ئاجرىتىپ چىقىرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ تۇز بەزلىرى كۆزىنىڭ ئەتراپىدا بولغاچقا، ئۇ ئولجىنى يالماپ يۇتقاندا كۆز چانىقىدىن تۇز سۈيىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، شۇڭا كىشىلەر بۇنى <قايغۇ يېشى> نى ئاققۇزىۋاتىدۇ دەپ قالىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، دېڭىز تاشپاقىسى، دېڭىز يىلىنى، كەسلەنچۈك، بېلىق ۋە بەزىبىر دېڭىز قۇشلىرىدىمۇ تۇز بېزى بولىدۇ.
دېڭىز ھايۋانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگۈدەك تۇز بېزىنىڭ تۈزۈلۈشى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بەزنىڭ ئوتتۇرىسىدا غول نەيچە بولۇپ، ئۇنىڭدىن سانسىزلىغان ئۇششاق نەيچىلەر سىرتىغا تارقىلىپ چىققان بولىدۇ. بۇ نەيچىلەر قاندىكى ئوشۇقچە تۇزلارنى ئايرىپ چىقىرىپ، كۆز ئەتراپىدا ئاغزى ئېچىلغان نەيچە ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھايۋانلارنىڭ بەدىنى تاتلىق سۇغا ئېرىشىدۇ.