نېمە ئۈچۈن ساختا ھاراق ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھاراقنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئېتىل ئىسپىرت (يەنى ئىسپىرت) بولۇپ، ئۇ كراخمال ۋە قەنت تەركىبى مول بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىتىپ ئىشلىنىدۇ. ئېتىل ئىسپىرتنىڭ ئىشلىتىلىشى ئىنتايىن كەڭ، ھاراق ياساشتىن باشقا، سانائەتتە يەنە يېقىلغۇ ۋە ئېرىتكۈچى قىلغىلى بولىدۇ. تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرتقا باھاسى ئەرزان، خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى ئېتىل ئىسپرتقا يېقىن كېلىدىغان مېتىل ئىسپىرت ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ساختا ھاراق خام ماتېىرىيالى قىلىدۇ. ئېتىل ئىسپىرتنىڭ پۇرىقى مېتىل ئىسپىرتنىڭكىدىن كۈچلۈك بولغاچقا، پۇراش ۋە تېتىش ئارقىلىق ھەقىقىي ھاراق بىلەن ساختا ھاراقنى پەقلەندۈرۈش تەس.
ئادەملەر تەركىبىدە ئېتىل ئىسپىرت بار ھاراقلارنى ئىچكەندىن كېيىن، ئېتىل ئىسپىرت بەدەندە ئوكسىدلىنىپ ئېتىل ئالدېگىدقا ئۆزگىرىدۇ، ئارقىدىن سىركە كىسلاتاسىغا ئۆزگىرىدۇ، ئاخىرىدا بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ. ئېتىل ئالدېگىد بىلەن سىركە كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىگە زىيان قىلمايدۇ. مېتىل ئىسپىرت زەھەرلىك بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى فېرمېنتنىڭ تەسىرىدە تېخىمۇ زەھەرلىك بولغان فورمىك كىسلاتاغا ئۆزگىرىدۇ ھەمدە ئوڭاي بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ بەدەن ئەزالىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، بولۇپمۇ بىر قەدەر سەزگۈر بولغان كۆرۈش نېرۋىلىرى فورمىك كىسلاتانىڭ زىيىنىغا ئەڭ ئاسان ئۇچرايدۇ. شۇڭا، تەركىبىدە مېتىل ئىسپىرت بار ساختا ھاراقنى ئىچكەندىن كېيىن ئادەمنىڭ كۆزى ئاغرىيدۇ، نەرسىلەر غۇۋا كۆرۈنىدۇ. ئەگەر بىر قېتىمدا ئىچكەن ساختا ھاراقتىكى مېتىل ئىسپىرتنىڭ مىقدارى ئون مىللىلىتىرغا يەتسە ئادەم قارىغۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن؛ 30 مىللىلېتىردىن ئېشىپ كەتسە بەدەندىكى ھەر خىل ماددا ئالمىشىش سىستېمىلىرى فورمىك كىسلاتانىڭ زەھىرىدەقالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشىمۇ مۇمكىن.