UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتانكا قانداق بارلىققا كەلگەن؟

تانكا قانداق بارلىققا كەلگەن؟

نېمە ئۈچۈن تانكا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن. ئەينى چاغدىكى جەڭ مەيدانىنىڭ ئەھۋالى سىم توسۇق ۋە خەندەكلەردىن ھاسىل قىلىنغان قامال قىلىش لىنىيىسىگە ھۇجۇم قىلالايدىغان، دۈشمەننىڭ ئوت كۈچىنى توسۇيالايدىغان ھەمدە ئۆزىدىمۇ قۇدرەتلىك ئوت كۈچى بولغان بىر خىل يېڭى قورالغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىدى. ئۇرۇشقا قاتناشقان فرانسىيە، روسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ خىل يېڭى تىپتىكى قورالنى لايىھىلەش ۋە تەتقىق قىلىشقا كىرىشتى، ئەنگىلىيە ئالدى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. 1916 - يىلى، ئەنگىلىيە ئەڭ بۇرۇنقى ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان تانكىنى ياساپ چىقتى. ئۇ پۈتۈنلەي برونېلانغان بولۇپ، دۈشمەننىڭ مىلتىق ئوقلىرىغا تاقابىل تۇرالايتتى؛ تانكا گەۋدىسىنىڭ ئىككى يېنىدا ئىككى دانە پەۋقۇلئاددە ھالقىسقمان زەنجىر تاپان بولۇپ، چاق باشتىن - ئاخىر مۇشۇ <ئوربىتا> دىن چىقامي ماڭاتتى، شۇڭا كەڭ خەندەكلەردىن بىمالال ئۆتۈپ، ھۇجۇم قوزغىيالايتتى؛ تانكىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئون كۈچى ئىنتايىن شىددەتلىك بولغان ئىككى دانە ئاپتوماتسىمان زەمبىرەك ئورنىتىلغانىدى. شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئەنگىلىيە ئارمىيىسى سوم دەرياسى جېڭىگە تۇنجى قېتىم 24 تانكا سالدى. تانكىلار ئېغىزىدىن ئوت پۈركىگىنىچە باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرلەپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىغا بۆسۈپ كىردى، بۇلارنىڭ مۇستەھكەم برونېسى(پولات قېپى) ئۇچۇپ كەلگەن ئوقلارنى ئارقا - ئارقىدىن قاڭقىتىپ تاشلىدى. گېرمانىيە ئارمىيىسىدىكى ئەسكەرلەر بۇنداق سىرلىق<پولات مەخلۇق> نى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاچقا، قورققىنىدىن داڭ قېتىپ جەڭگاھتا ھەممىنى تىرىپىرەن قىلىپ، ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنى زور غەلبىگە ئېرىشتۈردى. <تانكا> دېگەن ئىسىم توغرىسىدىمۇ مۇنداق بىر ھېكايە بار. ئەينى چاغدا، ئەنگىلىيە قورال - ياراغ مۇتەخەسىسلىرى مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، بۇ يېڭى تىپتىكى قورالنى <سۇ باكى> دەپ ئاتىدى، بۇنىڭ ئىنگىلىزچىسى دەل <KNAT>ئىدى. ئويلىمىغان يەردىن بۇ نام تا ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كەلدى، ئۇيغۇرچىدىمۇ <تانكا> دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار نەمە