UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئەگەر ھامىلە تۇغۇلىدىغان ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كەتسەقانداق قىلىش كېرەك؟

ئەگەر ھامىلە تۇغۇلىدىغان ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كەتسەقانداق قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ھامىلىنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كېتىپ، بارغانسېرى يوغىناپ، تۇغۇتنىڭ قىيىنلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بولغۇسى ئانىلار ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، تۇغۇلۇش ۋاقتى دەل توشقان كۈنى تۇغۇلغان بالىلار بارلىق بوۋاقلارنىڭ ئىچىدە 5% ئەتراپىدا بولىدىكەن. بىراق تۇغۇلۇش ۋاقتى توشۇپ 14 كۈن ئېشىپ كەتكەن بالىلار 85% نى ئىگىلەيدىكەن، ئەگەر تۇغۇلۇش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە، ھامىلىنىڭ يېتىلىشى تەبىئىيلا ئاستىلايدۇ. شۇڭا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. ھازىر تېبابەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، بېسىمسىز سىناش، تاۋۇش بىلەن غىدىقلاپ سىناش ياكى بالا ھەمراھىنىڭ ئىقتىدارىنى سىناش قاتارلىق تەكشۈرۈشلەردىن پايدىلىنىپ، بالا ھەمراھى ئىقتىدارى نورمالمۇ - ئەمەسمۇ؟ ھامىلە بىخەتەرمۇ - ئەمەسمۇ؟ شۇنى تەكشۈرسىلا بولدى. ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھېچقانداق غەيرىيلىك بولمىسا، خاتىرجەم ھالدا كالتە تولغاقنى كۈتۈش كېرەك. تۇغۇلۇش ۋاقتى توشۇپ، ئىككى ھەپتە ئېشىپ كېتىپ، يەنىلا توختىمىغانلارنى تېبابەتتە، <ۋاقتى ئۆتكەن ھامىلىدارلىق> دەپ ئاتايدۇ. گەرچە ۋاقتى ئۆتكەن ھامىلىدارلىق بولسىمۇ، بىراق كۆپلىگەن ھامىلىدار ئاياللاردا غەيرىيلىك بولمىسا، تەبىئىيلا تۇغىدۇ. بىراق، بالا ھەمراھىدا چېكىنىش ئالامىتى بايقالسا، ھامىلە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسىگېنغا ئېرىشەلمەي، بالىياتقۇ ئىچىدە مۈشكۈل ئەھۋالغا قالىدۇ، ھەتتا ھامىلە ئۆلۈپ قالىدۇ. شۇڭا، بالا ھەمراھى ئىقتىدارى چېكىنگەندە، سۈنئىي ئۇسۇلدا كالتە تولغاق پەيدا قىلىپ، بالدۇرراق بالىنى تۇغۇش كېرەك. بەزى ھامىلىدار ئاياللار بالا چۈشۈرۈشنى ئاڭلاپلا پسىخىكا جەھەتتىن قارشى تۇرىدۇ، بۇ توغرا ئۇسۇل ئەمەس. بەزى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ھامىلىدارلىقتا ھامىلىدار ئاياللار ئۆزى ۋە ھامىلىگە نىسبەتەن خەتەر پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، دوختۇرنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ قوشۇلغاندىن كېيىن، دوختۇرغا ماسلىشىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئەگەر ھامىلە تۇغۇلىدىغان ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كەتسەقانداق قىلىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki