UyghurWiki
UyghurWikiنەمەياستۇق تاقىرى دېگەن قانداق ئەھۋال؟

ياستۇق تاقىرى دېگەن قانداق ئەھۋال؟

نېمە ئۈچۈن يەڭگىل كالتسىي كەملىك ياكى كالتسىي كەملىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، روھىي، نېرۋا جەھەتلەردىكى ئالامەتلەرنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: بىئاراملىقتىن ئادەم تاتىلاش، گەپ ئاڭلىماي يىغلاۋېرىش، مىجەزى غەلىتىلىك، يەنە تىنچ ئۇخلىيالماسلىق، يەنى ئاسان ئۇيقۇغا كىرىشەلمەسلىك، كېچىدە چۆچۈش، بالدۇر ئويغۇنۇش، ئويغانغاندىن كېيىن يىغلاش ئالامەتلىرىمۇ بار. ھاۋا رايى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدا كۆپ تەرلەش، ھاۋا ئىسسىق ئەمەس، كىيىمى نېپىز، تەرلەش ئېمكانىيىتى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ تەرلەش. كۆپ تەرلىگەنلىكتىن بوۋاقنىڭ بېشى قىچىشىپ ياتقاندا بېشىنى لىڭىشتىپ ياستۇققا سۈركەپ يېتىشقا ئامراق بولىدۇ. ۋاقىت ئۇزىرىغاندا ئارقا مېڭە قوشۇقسىمان قىسىمىدىكى چېچى سۈركىلىپ تۈگەپ ياستۇق تاقىرلىقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بوۋاققا كالتسىي تولۇقلاش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە