UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن تۈلكە ھىيلە ئىشلىتىشكە ئامراق؟

نېمە ئۈچۈن تۈلكە ھىيلە ئىشلىتىشكە ئامراق؟

نېمە ئۈچۈن ھايۋانات دۇنياسىدا تۈلكە ئەڭ ھىيلىگەر ھايۋان سانىلىدۇ، ئۇ ئوۋ ئوۋلايدىغان ياكى كۈچلۈك دۈشمىندىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان چاغدا خىلمۇ خىل ھىيلىلەرنى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، ئېچىرقاپ كەتكەن ئىككى تۈلكە <مەخپىي پۈتۈشۈۋالغان> دىن كېيىن، كۈزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان بىر جايغا بېرىپ جان - جەھلى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقاندەك قىيامەتتە پومداقلىشىشقا باشلايدۇ، ئەتراپتىكى توشقان ۋە قۇشلار تاماشا كۆرۈش ئۈچۈن يېتىپ كېلىدۇ. بۇ ھايۋانلار ئۇلارنىڭ قىزىقارلىق ئويۇنىغا مەھلىيا بولۇپ كەتكەن چاغدا، تۈلكىلەر بىراقلا ئېتىلىپ بېرىپ ئولجىلارنى ئاسانلا قولغا چۈشۈرۈۋالىدۇ. ئۇنداقتا، تۈلكىنىڭ ھىيلە ئىشلىتىشكە ئامراق بولۇشىدا بىر ئالاھىدە سەۋەب بارمۇ؟ ھەر قانداق ھايۋان ياشاش ئۈچۈن ياشاش ماھارىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، شىر، يولۋاسلار قاۋۇل، كۈچلۈك، ئۇلارنىڭ تىرناق، چىشلىرى ناھايىتى ئۆتكۈر بولغاچقا ھەم ئوۋ ئوۋلىيالايدۇ، ھەم دۈشمەننىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ. ئوتخور ھايۋانلار بولسا مول ئوزۇقلۇق مەنبەسىگە ۋە ئۇچقاندەك تېز يۈگۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. تۈلكە گۆشخور بولسىمۇ، ھۇجۇم قىلىش ۋە قېچىش ئىقتىدارى ئاجىز، شۇڭا ئۇ ئەقلىي كۈچى ئارقىلىق بۇ ئاجىزلىقنى تولدۇرىدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ باشقا گۆشخور ھايۋانلارغا قارىغاندا چارىلىك، ھىيلىگەر بولغاچقا، ياشاش رىقابىتىدە بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ياشاپ كەلگەن.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن تۈلكە ھىيلە ئىشلىتىشكە ئامراق؟ | UyghurWiki | UyghurWiki