بالىلار پالىچى كۇمۇلىچى يېگۈزگەندە نېمىگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلار پالىچى كۇمۇلىچى بىر خىل زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان تىرىك ۋاكسىنا. ئىلمان قايناق سۇدا ئېرىتىپ ياكى باشقا ئىچىملىكلەرگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكۈزۈشنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، ۋاكسىنىدىكى ۋىرۇسنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش ھەمدە تارقىتىلغان ھامان دەل ۋاقتىدا يېگۈزۈش، قويۇپ قويماسلىق، ئۈنۈمىنى يوقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېگۈزگەندە پاكىز كىچىك قوشۇققا سېلىپ ئېزىپ، ئاندىن سوغۇق قايناق سۇدا ئېرىتىپ ئىچكۈزۈش كېرەك. دورا ئىچكۈزۈشتىن ئىلگىرى - كېيىن يېرىم سائەت ئىچىدە قايناق سۇ ئىچمەسلىك ياكى قىزىق يېمەكلىكلەرنى يېگۈزمەسلىك، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئانا سۈتى ياكى كالا سۈتى بەرمەسلىك ئىممۇنىتېت ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئەگەر بوۋاقنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالسا كۇمۇلاچ يېگۈزۈشنى ۋاقىتلىق كېچىكتۈرۈش؛ ئەگەر بوۋاق كالا سۈتىگە نىسبەتەن زىيادە سەزگۈر ياكى بەدىنى ئاجىز ۋاقىتتا، ئىشتىن ئىلگىرى دوختۇرغا ئېيتىش كېرەك. بالىلار پالەچ كۇمۇلىچى بىر ئاز بىخەتەر، ئادەتتە ناچار رېئاكسىيە پەيدا بولمايدۇ. ئاز ساندىكى بوۋاقلاردا كۆڭلى ئېلىشىش، قىزىش، قۇسۇش، ئەسۋە، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق يەڭگىل ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە ئىككى - ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدۇ.