UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىنىڭ ئىككى قولىنى ماسلاشتۇرۇش قابىلىيىتىنى قانداق مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك؟

بالىنىڭ ئىككى قولىنى ماسلاشتۇرۇش قابىلىيىتىنى قانداق مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئادەتتە بالىلار بىر يېرىم ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئىككى قولنىڭ نەپىس ھەرىكەت ئىقتىدارى بىر قەدەم تەرەققىي قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاتا - ئاتا بالىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى قولنى ماسلاشتۇرۇش پائالىيىتىنى مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك. ئىككى قولنى ماسلاشتۇرۇش ھەرىكىتى: 1. ئىككى قولنى تەڭ ئىشلىتىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىش. مەسىلەن: رەڭگارەڭ قەغەزنى تېپىپ، بالىنىڭ ئىككى قولىغا تۇتقۇزۇپ، يىرتىشىغا بۇيرۇسا بولىدۇ. بالا سەل چوڭ يىرتسا، تېخىمۇ كىچىك يىرتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. يەنە بالا بىلەن توپ ئېتىشىپ ئوينىسا بالا ئىككى قولى بىلەن توپنى تۇتۇۋالىدۇ. ئاندىن يەنە ئىككى قولى بىلەن توپنى ئاتىدۇ، چاۋاك چېلىشىپ مەشىق قىلىش ھەرىكىتىمۇ ئىككى قولىنىڭ ماسلىشىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە. 2. جىسىمنى ئىككى قول ئوتتۇرىسىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش. ئاۋۋال بالىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، سول قولدىكى ئويۇنچۇقنى ئوڭ قولنىڭ ئالىقىنىغا قويۇش، ئاندىن يەنە ئوڭ قولدىكى ئويۇنچۇقنى سول قولنىڭ ئالىقىنىغا قويۇش، ئارقىدىن بالىغا بۇ ھەرىكەتنى مۇستەقىل قىلغۇزۇش كېرەك.3. ئىككى قول ماسلاشقان نازۇك ھەرىكەتلەرگە موھتاج. مەسىلەن: بىر قۇر مارجاننى ئائىلە باشلىقى بىر قانچە پارچە قىلىپ كېسىپ، ئاندىن بالىغا بېرىپ ئۇنىڭغا مارجاننى يىپقا ئۆتكۈزۈشكە بۇيرۇپ، ئۆتكۈزۈپ بولغان خىلمۇخىل رەڭدىكى مارجانلارنى ئايرىم - ئايرىم قىلىپ چىگىپ، ئاتا - ئانا ياكى ئائىلىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ بوينىغا ئېسىپ، بالىنىڭ غەلىبە قازىنىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلغۇزۇش كېرەك. ئەگەر بۇ خىل ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەشىق قىلدۇرماقچى بولسىڭىز، بالىغا تېخىمۇ كىچىك بولغان مارجانلارنى ئۆتكۈزۈشكە بۇيرىسڭىز، بىر تەرەپتىن بالىنىڭ ئىككى قولىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرغىلى، يەنە بىر تەرەپتىن، قول ۋە كۆزنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يېتلدۈرگىلى بولىدۇ. تۈگمە ئېتىشمۇ نىسبەتەن ياخشى بولغان مەشىق قىلىش ئۇسۇلى. ئۇنىڭدىن باشقا، كۇبىك تىزىشمۇ بالىنىڭ ئىككى قولىنى تەڭپۇڭ ھالەتتە كونترول قىلىپ، كۇبىك تىزىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق ھەم بۇ ھەرىكەت بالىنىڭ بارمىقىنىڭ چاققانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىنىڭ ئىككى قولىنى ماسلاشتۇرۇش قابىلىيىتىنى قانداق مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki