نېمە ئۈچۈن كولورادو جىلغىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ جىلغا ھېسابلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدا، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ چوڭقۇر جىلغا بار، ئۇ بولسىمۇ <دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ جىلغا> دەپ ئاتىلىدىغان كولورادو جىلغىسىدۇر. بۇ چوڭ جىلغىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 440 كىلومېتىر، ئەڭ كەڭ يېرى 28 كىلومېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 1830 مېتىر كېلىدۇ. بۇ جىلغىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغانلىكى كىشى ئۇنىڭغا ھەيران قالىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك تەبىئىي كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى بولۇشقا مۇناسىپ. بەزىلەرنىڭ ھېسابلاپ چىقىشىچە، ئەگەر دۆلىتىمىزىدىكى تەيشەن تېغىنى بۇ چوڭ جىلغىغا توغرىلاپ سالسا بۇ جىلغا يەنە بوش قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇنداقتا، بۇنچىۋالا چوڭ بىر جىلغىنىڭ ھاسىل بولۇشىغا نېمە سەۋەبچى بولغاندۇ؟ ئەسلىدە يەر پوستى ئون نەچچە مىليون يىللار ھەرىكەت قىلىش داۋامىدا دائىم يېرىلىپ تۇرغان، بەزى يېرىلىشلاردىن يەر يۈزى كۆتۈرۈلسە، بەزى يېرىلىشلاردىن يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن. كولورادو جىلغىسى بىر قېتىملىق دەھشەتلىك يەر پوستى ھەرىكىتىدە، يەر پوستى يېرىلغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا گېئولوگلارنىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، 60 مىليون يىل بۇرۇن، تاغ پوستى ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشى تۈپەيلىدىن كولورادو دەرياسىنىڭ ئېقىنى تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كەتكەن، بىر قانچە ئون مىليون يىللىق دەريا سۈيىنىڭ يالىشى ئارقىسىدا، چوڭ جىلغىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاغ جىنىسلىرىنى قات - قېتىدىن يالىڭاچلاپ كېڭەيتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە دەريا يولىنى چوڭقۇر ئۇيۇۋەتكەن. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرى كولورادو چوڭ جىلغىسىنى چوڭايتىپ ھەيۋەتلىك جىلغىغا ئايلاندۇرغان.