UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھامىلىدار ئاياللار ئىممۇنىتېت ئەملەشنى قوبۇل قىلسا بولامدۇ؟

ھامىلىدار ئاياللار ئىممۇنىتېت ئەملەشنى قوبۇل قىلسا بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئىممۇنىتېت ئەملەش بولسا جانلىقلارغا ۋاكسىنا ياكى توكسىنلارنى ئەملەش ئارقىلىق، بەدىنىدىكى يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى يەنە سۈنئىي ھالدا ئەملەش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەملەش تۇبېركۇليوز تىرىك باكتېرىنى (كالمېت گۋېرىن ۋاكسىنىسى) بولۇپ ، تۇبېركۇليوزنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئىممۇنىتېت ئەملەش بولسا يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر تۈرلۈك تەدبىر. بىراق ئۇنىڭ بىئولوگىك بۇيۇمى غەيرىي خاراكتېرلىك ئاقسىل بولۇپ، ئەملىگەن جاي قىزىرىپ، ئىششىپ، ئاغرىپ كېتىدۇ ياكى پۈتۈن بەدەن قىزىپ، باش ئاغرىپ، تىترەپ، ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار ئىممۇنىتېت ئەملىسە بولامدۇ - يوق؟ ئەملىگەن بىئولوگىك بۇيۇملار ھامىلىگە تەسىر قىلامدۇ - يوق؟ بۇلار ھامىلىدار ئاياللار ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. ئادەتتە، ئىممۇنىتېت ئەملىگەن ھامىلىدار ئايال بىلەن ئىممۇنىتېت ئەملىگەن ھامىلىدار ئەمەس ئاياللاردا بولىدىغان ئىنكاس كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، ئەگەرھامىلىدار ئاياللار ئىممۇنىتېت ئەملىگەندىن كېيىن، قىسمەن ئىنكاس ياكى قاتتىق قىزىش قاتارلىق روشەن ئالامەتلەر بولسا بويىدىن ئاجراش، ئاي - كۈنى توشماي تۇغۇش ياكى ھامىلە ئۆلۈپ قېلىش ھادىسىلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار ئىممۇنىتېت ئەملەشكە جىددىي ئېھتىياجلىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىممۇنىتېت ئەملىمىسىمۇ بولىدۇ. بىراق ھامىلىدار ئاياللار غالجىر ئىت چىشلىۋالغان ۋاقىتتا، چوقۇم غالجىر ۋاكسىنىسى ئۇرۇش، بولمىسا ھامىلىدار ئاياللاردا غالجىرلىق كېسىلى پەيدا بولۇپ، ھايات قېلىش نىسبىتى نۆل پىرسەنت بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلىدار ئاياللار بوغما كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولسا، بوغما كېسەل ۋاكسىنىسىنى ئۇرۇپ، يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە