UyghurWiki
UyghurWikiنەمەسۇ ھەم ھاۋدىن قۇرۇقلۇقتا ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي پاراخوت بىلەن قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى قايسى جەھەتلەردىن ئوخشاشمايدۇ؟

سۇ ھەم ھاۋدىن قۇرۇقلۇقتا ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي پاراخوت بىلەن قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى قايسى جەھەتلەردىن ئوخشاشمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تارىختىكى مەشھۇر قۇرۇقلۇققا چىقىش جەڭلىرىدە، قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتلىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. بىراق، ھازىرقى زاماندىكى قۇرۇقلۇققا چىقىش جەڭلىرىدە تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جەڭ پاراخوتلىرى مەيدانغا كەلدى، ئۇ دەل سۇ ھەم ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي پاراخوتلاردۇر. ئىلگىرىكى چوڭ تىپتىكى قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ سۇ سىقىپ چىقىرىش مىقدارى 3000 توننىدىن ئاشمايتتى، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئون نەچچە تانكا ۋە بىر قانچە يۈز نەپەر قۇرۇقلۇققا چىقىش جەڭچىسىنى ئېلىپ يۈرەلەيتتى، قۇرۇقلۇققا چىقىش قىيىقلىرى تېخىمۇ كىچىك بولۇپ، تونناژى 500 توننىغىمۇ يەتمەيتتى. سۇ ھەم ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي پاراخوتلارنىڭ شەكلى بەزى ئاۋىئاماتكىلارغا ئوخشىشىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ كەڭ پالۇبىسىغا نۇرغۇن ئايروپىلانلار توختىتىپ" قويۇلغان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلار كۆپرەك، يەنە ئاز ساندىكى تىك ياكى قىسقا ئارىلىقتا كۆتۈرۈلۈپ ئۇچىدىغان - قونىدىغان ئايروپىلانلارمۇ بار. سۇ ھەم ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي پاراخوتىنىڭ <سالاھىيىتى> نى ئىپادىلەپ تۇرغىنى ئۇنىڭ <يوغان قورسىقى> بولۇپ، ئىچىگە تەخمىنەن 40 برونېۋىك ۋە نۇرغۇن قۇرۇقلۇققا چىققۇچى يەل كۆرپىلىك كېمىلەر سىغىدۇ، نەچچە مىڭ كۇب مېتىر ھەربىي ماددىي ئەشيالارنى قاچىلىغىلى بولىدۇ، يەنە1000 - 2000 كىشىلىك قۇرۇقلۇققا چىققۇچى قىسىمنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ. بۇنداق كۆپ قوراللار بىلەن قۇرۇقلۇققا چىقىش كۆلىمىنى ئەنئەنىۋى قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئەۋزەل. سۇ ھەم ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي پاراخوتلارنىڭ قۇدرەتلىك قوراللىرى قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئىلگىرىكى قۇرقلۇققا چىقىش جەڭلىرىدە دېڭىز قىرغاقلىرىغا يېقىن كېلىپ ئاندىن قۇرۇقلۇققا چىقىشقا توغرا كېلەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا ئارمىيىسى ۋە چوڭ تىپتىكى پاراخوتلار ئوت كۈچى بىلەن ياردەم قىلمىسا بولمايتتى. سۇ ھەم ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي پاراخوتتا بولسا، تىك ئۇچار ئايروپىلان ئارقىلىق يىراقتىن بىۋاستە قۇرقلۇققا چىقىشقا بولىدۇ، قۇرۇقلۇققا چىققۇچى يەل كۆرپىلىك كېمىلەرمۇ قىرغاقتىكى توسالغۇلارنى ئاسانلا بۆسۈپ ئۆتۈپ، تېزلىكتە ستېرېئولۇق بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. شۇڭا، سۇ ھەم ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي پاراخوتلارنى دېڭىز - قۇرۇقلۇق، ھاۋادا جەڭ قىلىش كۈچىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ كەلگۈسىدىكى قۇرۇقلۇققا چىقىش جەڭلىرىدە ئاساسىي رول ئوينىغۇسى.
← بارلىق تېمىلار نەمە