نېمە ئۈچۈن بەزىدە يامغۇردىن كېيىن ھەسەن - ھۈسەن پەيدا بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يازدا بىر ھازا ياغقان قاتتىق يامغۇردىن كېيىن، بەزىدە ئاسماندا يەتتە خىل رەڭلىك بىر يايسىمان ھالقىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا توغرىسىغا ئارتىلىپ تۇرغانلىقى كۆرۈنىدۇ. مانا بۇ ھەسەن - ھۈسەن. ھەسەن - ھۈسەننىڭ يان تەرىپىدە، بەزىدە يەنە ئىككىنچى يول ھەسەن - ھۈسەن كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭ رەڭگى بىرىنچى يول ھەسەن - ھۈسەننىڭكىدىن تۇتۇق بولۇپ، يانداش ھەسەن - ھۈسەن ياكى شەپەق دەپ ئاتىلىدۇ. ھەسەن - ھۈسەن بىلەن شەپەقنىڭ رەڭ تەرتىپى دەل ئەكسىچە بولىدۇ، ھەسەن - ھۈسەننىڭ ئىچى سۆسۈن، تېشى قىزىل بولىدۇ، لېكىن شەپەقنىڭ تېشى سۆسۈن، ئىچى قىزىل بولىدۇ. ھەسەن - ھۈسەن بوشلۇقتا لەيلەپ يۈرگەن كىچىك سۇ تامچىلىرىنىڭ قۇياش نۇرىنى قايتۇرۇشىدىن شەكىللىنىدۇ.
بىر ھازا قاتتىق ياغقان يامغۇردىن كېيىن، ھاۋادا نۇرغۇن ئۇششاق سۇ تامچىلىرى لەيلەپ قالىدۇ، ئۇلار خۇددى بوشلۇققا ئېسىپ قويۇلغان سانسىزلىغان مىكرو ئۈچ قىرلىق پرىزمىغا ئوخشاش ئۇلاردىن قۇياش نۇرى پارچىلىنىپ قىزىل، قىزغۇچ، سېرىق، يېشىل، زەڭگەر، سۆسۈن - كۆكتىن ئىبارەت يەتتە خىل نۇر بەلۋېغى بولۇپ شەكىللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈزەل ھەسەن - ھۈسەننى كۆرىدۇ. ئەگەر قۇياش نۇرى ئۇششاق سۇ تامچىلىرىدىن ئۆتكەندە ئىككى قېتىم سۇنسا ۋە قايتسا، ئۇنداقتا ھەسەن - ھۈسەننىڭ تاشقى يېنىدا رەڭگى سەل تۇتۇق، رەت تەرتىپى ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان شەپەق پەيدا بولىدۇ.
ئالىملار مۇنداق قارايدۇ: ھەسەن - ھۈسەن رەڭگىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سۇ تامچىسى زور بولسا، ھەسەن - ھۈسەن روشەن - ئېنىق بولىدۇ، لېكىن بىر قەدەر تار بولىدۇ، سۇ تامچىسى ئۇششاق بولسا، ھەسەن - ھۈسەن تۇتۇق بولىدۇ، لېكىن بىر قەدەر كەڭ بولىدۇ. مۇبادا سۇ تامچىلىرى بەك ئۇششاق بولسا، ھەسەن - ھۈسەن كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن. ھەسەن - ھۈسەن ئادەتتە ياز پەسلىدە كۆرۈنىدۇ، چۈنكى ياز پەسلىدە چاقماق كۆپ چېقىپ يامغۇر كۆپ ياغقاچقا، يامغۇر تامچىسى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. قىشتا كىلىمات قۇرغاق بولۇپ، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، ئۆتكۈنچى يامغۇر تېخىمۇ ئاز بولىدۇ، شۇڭا ھەسەن - ھۈسەنمۇ كۆرۈنمەيدۇ.