UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن نۇرغۇن ماشىنا ئادەملەر ئادەمگە ئوخشاشمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن ماشىنا ئادەملەر ئادەمگە ئوخشاشمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئىلمىي فانتازىيىلىك فىلىملەردىكى ماشىنا ئادەملەر ئادەمگە ئوخشىشىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆزى، قۇلىقى، قولى، پۇتى بار، ئۇلار پىكىر قىلالايدۇ، سۆزلىيەلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، رېئاللىقتىكى ماشىنا ئادەم بىلەن كىنودىكى ماشىنا ئادەمنىڭ پەرقى ئىنتايىن چوڭ. سانائەت ۋە تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا ئادەملەر ئادەمگە ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ شەكلى، چوڭ - كىچىكلىكى، ئىقتىدارىمۇ بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، بەزى ماشىنا ئادەملەرنىڭ بىرلا بىلىكى بولىدۇ؛ بەزىلىرى يىلانغا ئوخشاش بولۇپ، گاز تۇرۇبىسىغا ئۆمىلەپ كىرەلەيدۇ، بەزى رازۋېدكا قىلىدىغان ۋە خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ماشىنا ئادەملەر قۇرۇلۇش ماشىنىسىغا ئوخشىشىدۇ؛ بەزى تامغا يامىشىدىغان ماشىنا ئادەملەر قوڭغۇزغا ئوخشىشىدۇ؛ بەزى تىپىتكى ماشىنا ئادەملەرنىڭ بىلىكى ئون نەچچە مېتىر كېلىدۇ؛ بەزى مىكرو ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مىللىمېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ؛ بەزى ماشىنا ئادەملەر ئاددىي ئىشلارنى تەكرار قىلالايدۇ؛ بەزى ماشىنا ئادەملەر ھەر خىل <سەزگۈ> گە ئىگە بولۇپ، كۆرەلەيدۇ، ئاڭلىيالايدۇ، سۆزلىيەلەيدۇ ھەمدە ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىشلارنى قىلالايدۇ. ئالىملار ۋە ئىنژېنېرلار لايىھىلەپ ياساپ چىققان تۈرۈك ماشىنا ئادەملەر ھەر خىل خىزمەتنى ئادەمنىڭ ئورنىدا بېجىرىدۇ، شۇڭا ماشىنا ئادەمنىڭ شەكلىنىڭ قانداق بولۇشى ئۇلارنىڭ خىزمىتى ۋە ۋەزىپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھازىر بار بولغان ماشىنا ئادەملەردىن <كۈتكۈچى خانقىز>، <سېسترا>، <سېسترا>، <ئۆي خىزمەتچىسى> قاتارلىق مۇلازىمەت تىپىدىكى ماشىنا ئادەملەردىن باشقىلىرى ئادەمگە ئوخشاشمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە