UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكىچىك سەييارىلەر قانداق بايقالغان؟

كىچىك سەييارىلەر قانداق بايقالغان؟

نېمە ئۈچۈن سىز مۇنداق بىر ماتېماتىكىلىق ئويۇننى ئويناشقا قىزىقامسىز؟ بىزگە 3, 3, 12, 24 48, 96... دېگەندەك بىر قاتار سان بېرىلگەن، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەر بىر سان ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى ساننىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ. ھازىر بۇ قاتارنىڭ ئەڭ ئالدىغا 0 نى قىستۇرۇپ، ئاندىن كېيىن ھەر بىر سانغا 4 نى قوشۇپ، ئاندىن ئۇلارنى 10 غا بۆلسەك، 0.4, 0.7, 1.0, 1.6, 2.8, 5.2, 10.0... دېگەندەك مۇنداق بىر قاتار سانغا ئىگە بولىمىز. بۇلار ئاسترونومىيىلىك بىرلىك بىلەن ئىپادىلەنگەن ھەر قايسى سەييارىلەرنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئوتتۇرىچە ئارىلىقىدىن ئىبارەت. مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە، مارس بىلەن يۇپىتېرنىڭ ئارىلىقىدا يەنە بىر سەيياردە بولۇشى كېرەك. نۇرغۇن ئاسترونوملار تېلېسكوپلىرىنى ئاسمان بوشلۇقىغا قارىتىشتى. 1801 - يىلى يېڭى يىل كېچىسى ئىتالىيىلىك ئاسترونومىيە ئالىمى پىئاچ بىر ناتونۇش ئاسمان جىسىمىنى بايقىدى، ئۇ بولسا كىشىلەر بايقاشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن سەييارە ئىدى. كىشىلەر بۇ يېڭى سەييارىگە <سېرېرا> دەپ نام بەردى. بىراق سېرېرا ناملىق بۇ يېڭى سەييارە بەكلا كىچىك بولۇپ، دىئامېتىرى ئاي شارىنىڭكىنىڭ تۆتتىن بىرىچىلىكمۇ كەلمەيتتى، ئۇ پەقەت بىر كىچىك سەييارە ھېسابلىناتتى. بىر يىلدىن كېيىن كىشىلەر يەنە مارس بىلەن يۇپىتېر ئوربىتىلىرىنىڭ ئارىلىقىدا ئىككىنچى كىىك سەييارىنى بايقىدى، بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۈچىنچى، تۆتىنچى، بەشىچنى،... كىچىك سەييارىلەر بايقالدى. ھازىرغا قەدەر، ئالىملار بايقىغان ۋە تىزىملاپ نومۇر سالغان كىچىك سەييارىلەر 8000 دىن كۆپرەككە يەتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، مارس بىلەن يۇپىتېر ئوربىتىلىرىنىڭ ئارىلىقىدا يەنە تەخمىنەن 500 مىڭ دانە كىچىك سەييارە بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ دىئامېتىرى بىر قانچە يۈز مېتىردىن بىر قانچە ئون مىڭ مېتىرغىچە ئىكەن، ئۇلار خۇددى غايەت زور تاغ جىنىسلىرىدەك، قۇياش سىستېمىسىدا توختاۋسىز ھالدا قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىپ تۇرىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار نەمە