UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتوز نېمە ئۈچۈن قانىتىنى كەڭ يايىدۇ؟

توز نېمە ئۈچۈن قانىتىنى كەڭ يايىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سىز چوقۇم ھايۋانات باغچىسىدا توزنىڭ قاناتلىرىنى كەڭ يايغان ھالىتىنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەركەك توز قاناتلىرىنى يايغان چاغدا، ئۇنىڭ رەڭدار، چىرايلىق پەيلىرى ھەقىقەتەن كىشىنى جەلب قىلىدۇ. توز 3 -، 4 - ئايلاردا قانىتىنى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. يۈننەن ئۆلكىسىدىكى ئورمانلىق تاغدا ياشايدىغان ياۋا توزلار دەل مۇشۇ پەسىلىدە قاناتلىرىنى يايىدۇ. توزلارنىڭ قانات يېيىشى ئۇلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى، ئەركەك توز چىشى توزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى راۋۇرۇس ياساپ، قاناتلىرىنى تازا كەڭ يېيىپ، گۈزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەت ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىش بەزلىرى ئاجرىتىپ چىقارغان جىنىسىي ھورمۇننىڭ غىدىقلىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئۇلارنىڭ كۆپىيىىش نەتىجىسىدۇر. ئۇلارنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى ئۆتۈپ كەتسە، بۇنداق قانات يايىدىغان ئىشلارمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئازىيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، توز قورقۇپ كېتىش دېگەندەك غىدىقلاشقا ئۇچرىغاندىمۇ قانتىنى يايىدۇ. ئىلىگىرى بەزىلەر بەزى چاغىدا توز چىرايلىق كىيىنگەن ساياھەتچىلەرنى كۆرسە قاناتلىرىنى يايىدۇ، بۇ بىر خىل «گۈزەللىكتە بەسلىشىش» ھەرىكىتى، دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. زوئولوگلارنىڭ قارىشىچە، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدىغان توق قىزىل، توق يېشىل كىيىملىرى ۋە ياكى يۇقىرى ئاۋازدا كۈلۈپ پاراڭ سېلىشلىرى توزنى غىدىقلاپ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، توزنىڭ بۇ چاغدىكى قانات يېيىشىمۇ ئۆزىنىڭ كۈچىنى نامايىش قىلىش، باشقىلاردىن مۇداپىئەلىنىش ھەرىكىتى ئىكەن. توزنىڭ قۇيرۇقى ناھايىتى كۆركەم بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكلەرنى كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ بەدىنى ئېغىر، پەيلىرى بەك ئۇزۇن بولغاچقا، ئەركەك توزنىڭ يول يۈرۈشى ناھايىتى قۇلايسىز. بەزىدە باشقا قۇشلار توزنىڭ قۇيرۇقىنى دەسسىۋېلىپ، ئۇنى چىرقىرىتىۋېتىدۇ. توز سۇغا چۈشىدىغان چاغدا، قۇيرۇقىنىڭ ھۆل بولۇپ كېتىشىدىن ساقىلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم قۇيرۇقىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېگىز كۆتۈرۈۋېلىشى كېرەك. بۇنداق چاغدا، ئۇنىڭ چىرايلىق قۇيرۇقى بىر خىل يۈككە ئايلىنىپ قالىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە