UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئانا سۈتىنى ساغقاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

ئانا سۈتىنى ساغقاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئانا بالدۇر تۇغۇلغان بالىلارغا سۈتىنى ساغقاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى لازىم: ئاۋۋال، بالدۇرراق سۈتنى سېغىپ قويۇش كېرەك. ئوغۇز سۈتى ھەربىر بالىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، سۈتنى بالدۇر سېغىشتىن مەقسەت ئوغۇز سۈتىنىڭ بىر تامچىسىنىمۇ ئىسراپ قىلماي ئىچكۈزۈۋېتىلىشتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا تەرتىپلىك ھالدا سېغىش كېرەك، خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بالىنى سۈت بىلەن باققاندەكلا. ئوتتۇرىچە بولغاندا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ سائەتتە بىر قېتىم سېغىش، سېغىش قېتىم سانى كۆپ ۋە ۋاقىت قىسقا بولغان سۈت، سېغىش قېتىم سانى ئاز ۋە ۋاقتى ئۇزۇن بولغىنىغا قارىغاندا ياخشى بولۇپ، بۇنداق قىلغاندا، سۈتنىڭ ئاجرىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. يەنە، سۈپىتى يۇقىرى بولغان سۈت سېغىش ئەسۋابىنى ئىشلىتىش كېرەك. سۈت سېغىش ئەسۋابى كىشىنى ناھايىتى ئازادە ھېس قىلدۇرىدۇ، ئەمچەك توپچىسىغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ شۇنداقلا بالىنىڭ ئېمىشىگە نىسبەتەن ئانىدا سۈت كېلىش ئىنكاسىغا تەقلىد قىلغىلى بولىدۇ. سۈت ئاجرىتىلىشىنى تېزلىتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا، سۈت سۈمۈرگۈچى ئەسۋاب ۋە سۈت يىغقۇچى ئەسۋابنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىپ، ھەر قېتىمدا ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى پاكىز يۇيۇش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئانا سۈتىنى ساغقاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki