UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھامىلىدار مەزگىلدە دائىم گىرىم بۇيۇمى ئىشلىتىشمۇۋاپىق ئەمەسمۇ؟

ھامىلىدار مەزگىلدە دائىم گىرىم بۇيۇمى ئىشلىتىشمۇۋاپىق ئەمەسمۇ؟

نېمە ئۈچۈن گۈزەللىككە ئىنتىلىش — كىشىلەرنىڭ تۇغما ئارزۇسى، ھامىلىدار ئاياللار ئاندا - ساندا سۇس گىرىم قىلسا بولىدۇ، بىراق دائىم قويۇق گىرىم قىلسا بولمايدۇ. خىلمۇخىل گىرىم بۇيۇملىرىدا مەسىلەن، لەۋ بويىقى، خېنە (سىر خېنىسى)، چاچ بوياش مەلھىمى، چاچنى قۇرۇتۇش مەلھىمى قاتارلىقلاردا ئادەم تېنىگە زىيانلىق خىمىيىۋى ماددىلار بار بولۇپ، ئانا تېنى بۇ خىل ماددىلارنى سۈمۈرۈش ئارقىلىق ھامىلە تېنىگە بىۋاسىتە كىرىدۇ - دە، ئانا بىلەن ھامىلە تېنى زىيانغا ئۇچرايدۇ. بەزى ھامىلىدار ئاياللار سالقىن ھېس قىلدۇرىدىغان مايلارنى سۈرۈپ، روھىنى كۆتۈرۈشكە ئامراق، ئەمەلىيەتتە بۇ ناچار ئادەت. سالقىن ماينىڭ تەركىبىدە كامفور، يالپۇز، ئىۋكالپىت دەرەخ مېيى قاتارلىقلار بولۇپ، تېرە ئارقىلىق سۈمۈرۈلۈپ، بالىياتقۇ ئارقىلىق ھامىلە تېنىگە سىڭىپ كىرىپ، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. كامفور يەنە ھامىلىنىڭ غەلىتە بولۇپ قېلىشىغا، ئۆلۈپ قېلىشىغا ياكى بويىدىن ئاجراپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار ھېرىپ چارچىغاندا، ئازراق ئارام ئېلىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ روھلاندۇرغۇچ مايلارنى ئىشلىتىپ، نورمال بولغان تەڭشەش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ھامىلىدار مەزگىلدە دائىم گىرىم بۇيۇمى ئىشلىتىشمۇۋاپىق ئەمەسمۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki