UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ساغلام بالىلار ئادەمگىياھ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەسەل جەۋھىرى ئىستېمال قىلسا مۇۋاپىق بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ساغلام بالىلار ئادەمگىياھ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەسەل جەۋھىرى ئىستېمال قىلسا مۇۋاپىق بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى ئائىلە باشلىقلىرى بەش - ئالتە ياشلىق قىزلىرىنى دوختۇرخانىغا كۆرسەتكىلى ئاپىرىدىغان بولۇپ قالدى، ئۇلار نېمە ئۈچۈنكى، قىزىمىزنىڭ كۆكسى يوغىناپ كېتىۋاتىدۇ، دەيدۇ. تەپسىلىي سورىغاندىن كېيىن، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئادەمگىياھ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەسەل جەۋھىرى ئىستېمال قىلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ئادەمگىياھ بىلەن ھەسەل جەۋھىرى ئەنئەنىۋى قىممەتلىك قۇۋۋەت دورىلىرى، ئادەمگىياھنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى بەدەننى قۇۋۋەتلەش. ئۇ ھەم كېسەل داۋالىيالايدۇ، ھەم بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ؛ ھەسەل جەۋھىرى تەركىبىدە ئاقسىل، گلۇكوزا ماي، مەدەن، B تىپىدىكى ۋىتامىن ۋە ھورمونلار بار، ئۇ ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ، ھارغىنلىقنى يوقىتىدۇ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئىستېمال قىلىشقا قۇلايلىق بولۇش ۋە قۇۋۋەت ئۈنۈمىنى ئاشتۇرۇش ئۈچۈن، كىشىلەر ئادەمگىياھ بىلەن ھەسەل جەۋھىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىملىك ياسىدى. كلىنىكىلىق تەجرىبە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئادەتتىكى كىشىلەر ئادەمگىياھ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەسەل جەۋھىرىنى ئىستېمال قىلسا، كېسەلگە بولغان قارشىلىق كۈچى ئاشىدۇ، ئىشتىھاسى ئېچىلىدۇ، ئاز زۇكام بولىدۇ، زېھنى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ؛ بالىلار ئادەمگىياھ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەسەل جەۋھىرىنى ئىچسە، بەدەن قۇۋۋىتى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ، ئۇششاق كېسەللىرى ئازىيىدۇ، بويى ئۆسۈپ، سەمرىپ قالىدۇ، لېكىن بەزى بالىلاردا جىنسىي ئالامەتنىڭ غەيرىيلىكى بالدۇرلا پەيدا بولىدۇ. قىز بالىلار بىر ئايدىن تۆت ئايغىچە ئىستېمال قىلسا، كۆكسى چوڭىيىپ كېتىدۇ، ئوغۇل بالىلارنىڭ زەكىرى چوڭىيىپ، توملىشىپ قالىدۇ. ئەمما ئىستېمال قىلىشنى توختاتقاندىن كېيىن، بۇنداق كېسەللىك ئالامەتلىرى يوقىلىپ، ئاساسەن نورمال ھالەتكە قايتىدۇ. شۇكا، بالىلارنىڭ ئادەمگىياھ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەسەل جەۋھىرى ئىچىش - ئىچمەسلىكنى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلەش كېرەك. ساغلام بالىلارنىڭ ئادەمگىياھ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەسەل جەۋھىرى ئىچىشى ھاجەتسىز. ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇش، ئۆسۈشى ئاستا بولۇش ياكى يېتىلىش دەۋرىگە قەدەم قويغان بالىلار ئۆسۈپ - يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق مىقداردا ئادەمگىياھ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەسەل جەۋھىرىنى ئىچسە بولىدۇ، لېكىن جەزمەن دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىستېمال قىلىش لازىم.
← بارلىق تېمىلار نەمە