قايسى ۋاقىتتا بوۋاقنى ئەمچەكتىن ئايرىش بىر ئاز مۇۋاپىق؟
نېمە ئۈچۈن
ئەمچەكتىن ئايرىش سۈت ئورنىدىكى مەھسۇلاتلار ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ پەقەت سۈت بىلەنلا بېقىلىشتىن كۈندىلىك يېمەكلىكىنى ئاساسىي يېمەكلىككە ئۆزگەرتىش جەريانى. ئەمچەكتىن ئايرىش بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش. ئېمىتىش ۋاقىتنىڭ سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئانا سۈتى ئوغۇز سۈتىدىن پىشقان سۈت (ئىككى ~ توققۇز ئايدىكى سۈت) كە ئۆتىدۇ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىلەپ ئاخىرقى سۈت (ئون ئايلىقتىن كېيىنكى سۈت) كە ئۆتىدۇ. سۈتنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتى بارا - بارا تۆۋەنلەيدۇ ھەم ئەكسىچە بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارىدۇ. پەقەت سۈت بىلەنلا بېقىش ئاللىبۇرۇنلا بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بوۋاق تۇغۇلۇپ تۆت ~ ئالتە ئايلىقتىن كېيىنلا بوۋاقتا ئوزۇقلۇقى مول ھەم ئاسان ھەزىم بولىدىغان قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىش بىلەن بىللە سۈت بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى بارا - بارا ئازايتىش كېرەك. بىر ياشقا يېقىنلاشقاندا بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ۋە چايناش ئىقتىدارى كۆپ ياخشىلىنىپ كېتىدۇ، قوشۇمچە يېمەكلىك ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ئوزۇقلۇق بوۋاق ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇقنىڭ 60% تىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا بوۋاق ئەمچەكتىن ئايرىلىشقا شەرت ھازىرلاپ بولغان بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئادەتتىكى ئەھۋالدا بوۋاق بىر ياش ئەتراپىدا ئەمچەكتىن ئايرىلسا بىر قەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ.