قايسى ۋاقىتتا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى يۇيۇشقابولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئاسانلا سۈت ياندۇرۇش ياكى قۇسۇشتىن سۈت كىيىم ئىچىگە كىرىپ بويۇن، مەيدە ھەتتا قۇلاق ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مېتابولىزمى ئىنتايىن جانلانغان بولۇپ، ئاسان تەر چىقىدۇ، چوڭ - كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپ، شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى ۋە كىيىمى تېز مەينەت بولىدۇ. يۇيۇش يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسىنى پاكىزلاپلا قالماي قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىسى بار ھەمدە ئاتا - ئانىلار بۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بوۋاقنىڭ پۈتۈن بەدەن تېرىسىنى، كىندىكىنى، پۇت - قولىنىڭ ھەرىكىتى ھەم قىياپىتى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى كۆزىتىپ، ۋاقتىدا مەسىلىلەرنى بايقىشىغا قۇلايلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى سىيلاپ ئۆزئارا ئارىدىكى ھېسسىياتى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان ساغلام بوۋاقلارغا نىسبەتەن شارائىت يار بەرسىلا تۇغۇلۇپ 24 سائەتتىن كېيىن ھەر كۈنى يۇيۇپ تۇرسا، ھەر كۈنى ئەتىگەندە كەچتە بوۋاقنىڭ باش، يۈز، كاسا ھەم تېرىسىنىڭ قورۇق ئارىلىقلىرىنى يۇيۇپ بەرسە، ياز پەسلىدە ئەھۋالغا قاراپ يۇيۇش قېتىم سانىنى كۆپەيتسە بولىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى بەك يەڭگىل(ئادەتتە ئىككى كىلوگرامدىن تۆۋەن) لەرگە نىسبەتەن، بەدەن ئەھۋالى ناچارراق ياكى كۈندە يۇيۇپ تۇرۇشقا شارائىتى يوق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ھېچبولمىغاندا كۈندە سۈرتۈپ پاكىزلاش كېرەك.