نېمە ئۈچۈن بەزى ۋېلىسپىتلەرنىڭ سۈرئىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەتتە ۋېلىسپىتنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن پېدالنى تېز دەسسەش كېرەك. لېكىن بۇنداق قىلغاندا ئادەم ئاسان چارچاپ كېتىدۇ. ھازىر تاغ ۋېلىسپىتى ۋە مۇسابىقە ۋېلىسپىتلىرىغا خوت يۆتكەپ سۈرئەتنى ئۆزگەرتىش ئەسۋابى ئورنىتىلغان بولۇپ، پېدالنى دەسسەش نىسبىتىنى ئاشۇرمىسىمۇ مېڭىش سۈرئىتىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.
ۋېلىسپىتنىڭ پېدالى زەنجىر ئارقىلىق كەينى چاقنىڭ ئوقىغا تۇتاشتۇرۇلغان بولىدۇ. ۋېلىسپىت مىنگەندە ئىككى پۇت پېدالنى دەسسەيدۇ. پېدال ئۆزىگە تۇتاشتۇرۇلغان چىشلىق چاقنى ئايلاندۇرىدۇ، زەنجىر ئايلانسا كەينى چاقنىڭ ئوقىدىكى چىشلىق چاقمۇ ئايلىنىپ، كەينى چاقنى ئايلاندۇرىدۇ، ئەگەر كەينى چاقتىكى چىشلىق چاقنىڭ دىئامېتىرى قانچە بولسا ئوخشاش رىتىم بىلەن پېدالنى دەسسىگەندە چاقنىڭ ئايلىنىش سانى شۇنچە ئاز بولىدۇ، ۋېلىسپىتنىڭ سۈرئىتىمۇ شۇنچە ئاستا بولىدۇ؛ چىشلىق چاقنىڭ دىئامېتىرى قانچە كىچىك بولسا چاقنىڭ ئايلىنىش سانى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، ۋېلىسپىتنىڭ سۈرئىتىمۇ شۇنچە تېز بولىدۇ. شۇڭا كەينى چاقنىڭ ئوقىدىكى چىشلىق چاقنىڭ دىئامېتىرىنى تەڭشىگەندە ۋېلىسپىتنىڭ سۈرئىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
سۈرئىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان ۋېلىسپىت مۇشۇ قانۇنىيەتكە ئاساسەن لايىھىلەنگەن. ئۇنىڭ كەينى چاقىنىڭ ئوقىغا نەچچە خوتلۇق ئوخشاش بولمىغان دىئامېتىرلىق چىشلىق چاق ئورنىتىلغان، ۋېلىسپىت مىنگۈچى رولغا ئورنىتىلغان ۋىكليۇچاتېلنى تەڭشەش ئارقىلىق ئۇنى تاللىسا، پېدالنى دەسسەش نىسبىتى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا سۈرئەتنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. ئەگەر دۆڭگە چىققان ياكى شامالغا قارشى ماڭغاندا خوتنى دىئامېتىرى چوڭراق چىشلىق چاققا يۆتكىسىلا سۈرئەت ئاستا بولسىمۇ، لېكىن كۈچ تېجىگىلى بولىدۇ.