UyghurWiki›نەمە›قانداق قىلغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئېغىزبوشلۇقىنى تازىلىغىلى ۋە ئاسىرىغىلىبولىدۇ؟
قانداق قىلغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئېغىزبوشلۇقىنى تازىلىغىلى ۋە ئاسىرىغىلىبولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن نەپەس ئېلىشقا باشلاشتىن بۇرۇن تېزلىكتە ئېغىز، بۇرۇن، يۇتقۇنچاق قاتارلىق ئورۇنلاردىكى يېپىشقاق سۇيۇقلۇق ياكى باشقا نەرسىلەرنى تازىلىۋېتىش، نەپەس يولىغا سۈمۈرۈلۈپ كىرىپ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى يۇمران بولغاچقا، سەللا ئېھتىيات قىلمىسا زەخىملىنىش، يۇقۇملىنىش ياكى ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. بوۋاق مەزگىلىدە ئېمىش ياكى سۈت ياندۇرۇش سەۋەبلىك يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا ياكى تىلىدا سۈت يۇقۇندىلىرى ساقلىنىپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەرگىزمۇ قول بىلەن سۈرتمەسلىك كېرەك. ئازراق ئىلمان قايناق سۇ ئىچكۈزۈۋەتكەندە سۈت يۇقۇندىلىرىمۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا قالدۇق ماددىلارمۇ پاكىزلىنىپ، ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاش رولىنى ئوينايدۇ ھەم ئۈنۈملۈك ھالدا ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.