UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نېمە ئۈچۈن ئۆلچەمگە يەتمەيدۇ؟

بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نېمە ئۈچۈن ئۆلچەمگە يەتمەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھازىر نۇرغۇنلىغان ئانىلار ئىلمىي ئۇسۇلدا بالا باقماقتا ھەم شۇنداق ئىلمىي ئۆلچەم بويىچە بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنى مۆلچەرلىمەكتە، بەدەن ئېغىرلىقى ئانىلارنىڭ دائىم قوللىنىلىدىغان ئۆلچىمى. دىققەت قىلىشقا ۋە ئېسىگە سېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى يېڭى تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى يېتىلىشىگە باغلىق بولۇپلا قالماستىن، كېيىنكى بېقىلىشىغىمۇ بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. بۇنى بىز ئالدىنقى بابتا ئاللىقاچان سۆزلەپ بولغان ئىدۇق، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە پەرق بولغاچقا، ئوخشاش ياشتىكى بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدىمۇ پەرق بولىدۇ. بىراق ئۆسۈش ئەگرى سىزىقى بىلەن مۆلچەرلىگەندە، جىنسى ۋە يېشى ئوخشاشلارنىڭ 10% تتىن تۆۋەن تۇرىدىغان بوۋاقلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. بېقىش مۇۋاپىق بولمىسىمۇ، بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر ئانا سۈتى يېتەرلىك بولمىسا، باشقا يېمەكلىكلەرنى قوشمىسا كالا سۈتى بىلەن بېقىلغانلار سۈت مىقدارى يېتەرلىك بولمىسا ياكى سۈت پاراشوكى زىيادە سۇيۇق بولسا، ئانا سۈتى كەم بولسا ھەم سۈتنىڭ ئورنىغا مۇۋاپىق نەرسە بولمىسا، مەخسۇس گۈرۈچ ئۇمىچى بىلەن باقسا، ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن بولسا، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا قوشمىسا، بەك كېيىن سۈتتىن ئايرىسا… قاتارلىق مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇزۇن مۇددەتلىك قىزىش، دائىم قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، زىيادە يىغلاش، ۋارقىراش، نېرۋا مۇسكۇللىرىنىڭ زىيادە جىددىيلىشى تۈپەيلىدىن بەدەندىكى ئوزۇقلۇقلارمۇ خوراپ، بەدەن ئېغىرلىقى ئاشمايدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى يېتەرلىك بولمىغان بوۋاقلارنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، بالىنىڭ بېقىلىش تارىخىنى تەپسىلىي چۈشىنىپ، بالا بېقىشقا مۇۋاپىق ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، بالىنى ساغلام چوڭ قىلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە