UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارغا ئاياغ تاللىغاندا نېمە ئۈچۈن ئېھتىياتـچانلىق بىلەن تاللاش كېرەك دېيىلىدۇ؟

بالىلارغا ئاياغ تاللىغاندا نېمە ئۈچۈن ئېھتىياتـچانلىق بىلەن تاللاش كېرەك دېيىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بىر ياشقا كىرگەندە بالىلار ماڭالايدۇ، شۇڭا بالىلارغا بىر جۈپ راھەت، پۇتقا لايىق كېلىدىغان كىچىك ئاياغنى تاللاش ناھايىتى مۇھىم. ئادەم بەدىنى 206 پارچە سۆڭەكتىن تەركىب تاپقان، ئادەمنىڭ ئىككى پۇتى 52 پارچە سۆڭەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 66 دانە بوغۇمنى، 40 پارچە مۇسكۇلنى ۋە 200 دىن كۆپرەك پەيلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەم پۇتىنىڭ بۇنداق مۇرەككەپ، نازۇك قۇرۇلمىسىنى ھەرقانداق جانلىقنىڭكىگە سېلىشتۇرۇش تەس. ئىنسانلار بىردىنبىر ئەۋرىشىمچان، ئېگىلىشچان بولۇپ، ئۇ مېڭە، ئومۇرتقا، كۆكرەك بوشلۇقى، قورساق بوشلۇقىدىكى ئەزالارنى قوغدىغاچقا <تەبىئىي تەۋرەنگۈچ ئەسۋاب> دەپ ئاتالغان. بىراق، بوۋاقلىق مەزگىلىدە بالىلارنىڭ ئەۋرىشىمچانلىقى تېخى تولۇق شەكىللەنمىگەچكە، تاپىنى نىسبەتەن تۈز بولىدۇ. شۇڭا ئاياغ تاللىغاندا ئىنتايىن دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بوۋاقلارنىڭ پۇت سۆڭەكلىرى تېخى تولۇق، مۇكەممەل قاتمىغان ۋە بىر ئاز يۇمشاق بولغاچقا، ئاياغ كەيگەندە مۇۋاپىق كەلمىسىمۇ، قاتتىق ئاغرىق ھېس قىلمايدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ ئايىغىدا مەسىلە بار يوقلۇقىنى ئوڭايلىقچە ھېس قىلالمايدۇ. بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە پۇتنى مەڭگۈلۈك غەيرى قىلىپ قويۇپلا قالماستىن، يەنە تېخى ئومۇرتقا سۆڭىكىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چوڭ مېڭە، يۈرەك، قورساق بوشلۇقىنىڭ نورمال يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ. شۇڭا، بالىلارغا ئاياغ تاللىغاندا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەم راھەت، ھەم مۇۋاپىق ئاياغ تاللاش لازىم.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلارغا ئاياغ تاللىغاندا نېمە ئۈچۈن ئېھتىياتـچانلىق بىلەن تاللاش كېرەك دېيىلىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki