قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملىگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملەشتە تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1. بوۋاق ئېغىر دەرىجىدە كېسەللەنگەندە، قىزىپ قالغاندا ياكى زىيادە سەزگۈرلۈك (بولۇپمۇ تۇخۇمغا زىيادە سەزگۈرلۈك) تارىخى بولغانلارنى ئەملەشكە بولمايدۇ؛
2. قىزىل چىقىپ بولغان بالىلارنىڭ بەدىنىدە ئاللىبۇرۇنلا قىزىل ۋىرۇسىغا قارشى ئانتىتېلا شەكىللىنىپ بولغانلىقتىن، يەنە قىزىل ۋاكسىنىسى ئۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق؛
3. ئەگەر گامما شار ئاقسىلى ئۇرۇلغان بولسا، ئاز دېگەندىمۇ ئالتە ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ ئاندىن قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملەشكە، قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ ئاندىن گامما شار ئاقسىلىنى ئوكۇل قىلىشقا بولىدۇ؛
4. قىزىل ۋاكسىنىسى بىلەن B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئىككىسىنىڭ ئانتىگېنى ئوتتۇرىسىدا توسقۇنلۇق بولغانلىقتىن بىر ۋاقىتتا ئەملەشكە بولمايدۇ.
5. قىزىل ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندىن كېيىن ئادەتتە ناچار رېئاكسىيە كۆرۈلمەيدۇ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى بوۋاقلاردا ئەملىنىپ ئالتە ~ ئون كۈندە بەلكىم قىزىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ خىل ئەھۋالمۇ ئىككى كۈندىن ئۆتمەي ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.