UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ كۆرۈش سېزىمىگە قارىتا قانداق غىدىقلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك؟

بالىلارنىڭ كۆرۈش سېزىمىگە قارىتا قانداق غىدىقلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ 80% ئۇچۇرى كۆرسىتىش سېزىمى ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇچۇر. شۇڭا، بالىلارنىڭ كۆرۈش سېزىمىنى مەشىق قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. گەرچە كۆرۈش سېزىمى بوۋاقلارنىڭ ئەڭ كېيىن پەيدا بولغان بىر خىل سېزىمى بولسىمۇ، بىراق كۆرۈش سەزگۈ پائالىيىتى بوۋاق تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا پەيدا بولىدۇ. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ۋاقىتتا كۆرۈش سېزىمى بولىدۇ، يېقىندىكى نەرسىلەرنى ياكى ئانىسىنىڭ يۈزىنى كۆرەلەيدۇ. بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئانىنىڭ بوۋاق ئۈچۈن بىر مۇۋاپىق غىدىقلاش تەسىرى بار مۇھىتنى يارىتىپ بېرىشى ئىنتايىن مۇھىم. بوۋاقنىڭ ئۆيى چوقۇم كۆرۈش سېزىمىنى غىدىقلاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يەر بولۇشى كېرەك. ئاتالمىش مۇۋاپىق بولغان كۆرۈش سېزىمىنى غىدىقلاش دېگىنىمىز — غىدىقلاش يوق دېگەنلىكمۇ ئەمەس، بىراق يەنە كۆپ بولۇشى كېرەك دېگەنلىكمۇ ئەمەس. بەزى ئانىلار ئۆي رەتلىك، تىنچ بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىچىدە ھېچقانداق رەڭ قالدۇرمايدۇ. تامنىمۇ ئاپئاق، كىرلىك - يوتقانلارمۇ سۇس رەڭدە، پەردىلەرنىمۇ ئاپئاق رەڭدە قىلىۋېتىدۇ. بۇ خىل ھېچقانداق رەڭلەر يوق، يەنى ھېچقانداق غىدىقلىنىش بولمىغان مۇھىت بوۋاقنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز. ئۆي ئىچىگە مۇۋاپىق بولغان بىر قىسىم رەڭلىك نەرسىلەرنى قويۇش كېرەك. مەسىلەن: تامغا رەسىم ئېسىش، يوتقان تېشى رەڭلىك بولۇش، كارىۋات بېشىغا بىر قىسىم رەڭلىك نەرسىلەرنى ئېسىپ قويۇش. بوۋاققا چىرايلىق بىر ئويۇنچۇق ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلار بالىنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق. ئىككىنچى ئېيىدىن باشلاپ، بوۋاققا قېنىق رەڭلىك نەرسىلەرنى كۆرسىتىشكە باشلىسا بولىدۇ. ۋاقىتنمۇ ئاستا - ئاستا ئۇزارتسا بولىدۇ، بۇ نەرسىلەر ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ كۆزىگە يېقىنراق بولغان يەرگە قويۇلۇشى كېرەك. 30 سانتىمېتىر ئارىلىق ئەڭ مۇۋاپىق ئارىلىق. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، كۆز قارىچۇقىنىڭ ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن. شۇڭا نەرسىلەرنى يىراق قويۇپ قويغاندا بوۋاق كۆرەلمەيدۇ، بۇنىڭ ھېچقانداق غىدىقلىنىش رولى بولمايدۇ. پسىخولوگلارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، يېشى قانچە كىچىك بولسا، ئارىلىقمۇ شۇنچە يېقىن بولۇشى كېرەككەن. شۇڭا، تۇغۇلغىلى ئۇزۇن بولمىغان بوۋاقلارغا ئارىلىقنى يېقىن قىلىپ كۆرۈش سېزىمىنى غىدىقلاش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە جىسىمنى ئىمكانقەدەر ئۇنىڭ كۆزى بىلەن تەڭمۇتەڭ كېلىدىغان يەرگە قويۇش كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ كۆرۈش دائىرىسى ناھايىتى كىچىك، ئانا دائىم بوۋاق بىلەن پاراڭلىشىپ بەرسىمۇ، كۆرۈش سەزگۈسىنى چېنىقتۇرۇشقا پايدىلىق. ئانا تىل ئارقىلىق بالىنى جەلپ قىلغاندا گەرچە بۇ ۋاقىتتا ھېچقانداق ئالاھىدە ئىنكاسى يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ دائىم كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئانىغا قارايدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئادەمنىڭ چىرايىدىكى ھەربىر ئۇششاق - چۈششەك نەرسىلەرنى كۆرۈشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، ئانا بىلەن باشقىلارنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىشىغا پايدىلىق. بەزى ئاتا - ئانىلار بۇنچىۋالا كىچىك بوۋاق نېمىنى چۈشىنەتتى دەپ قاراپ كۆڭۈل قويۇپ مەشىق قىلدۇرمايدۇ. بالىنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ قويۇپ كارى بولمايدۇ، بۇمۇ ئەقلىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىق. ئەلۋەتتە، بالىغا مۇۋاپىق بولغان كۆرۈش سېزىمىنى غىدىقلاش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش دېگىنىمىز، ھەرگىزمۇ غىدىقلىغۇچى جىسىم قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى دېگىنىمىز ئەمەس، غىدىقلىنىش چوقۇم مۇۋاپىق بولۇش كېرەك. ئەگەر بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، بىر تەرەپتىن بوۋاقلار غىدىقلاش رولىغا ئىگە نەرسىلەرنى كۆرەلمەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئوڭايلا چارچاپ قالىدۇ، بۇنداق بولغاندا چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلارنىڭ كۆرۈش سېزىمىگە قارىتا قانداق غىدىقلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki