قانداق قىلىپ تۇغما يۈرەك كېسىلىنى بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تۇغما يۈرەك كېسىلىنى بالدۇر بايقاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاتا - ئانا ھەم ئائىلە ئەزالىرى دوختۇرنىڭ تاپىلىغانلىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، بوۋاققا تۇغۇتتىن كېيىنكى تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىش ھەمدە قەرەللىك دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش؛ ئاندىن ئاتا - ئانا ۋە ئائىلىدىكىلەر بوۋاقنى كۈتۈش ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش جەريانىدا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن چىرايى ھەم تېرىسى كۆكەرگەنمۇ يوق؟ بوۋاق سۈت ئەمگەندە ياكى يىغلىغاندا چىرايى كۆكىرىش ئىپادىسى بارمۇ - يوق؟ بوۋاق سۈت ئەمگەندە قىينىلىش، ئەمگىلى ئۇنىماسلىق، قېقىلىش ياكى نەپەس سىقىلىش قاتارلىق ئىپادىلەر بارمۇ - يوق؟ بوۋاق دائىم زۇكام، كانايچە ئۆپكە ياللۇغى ياكى ئۆپكە ياللۇغى بولامدۇ - يوق؟ بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستا، ئورۇق، كۆپ تەرلەمدۇ يوق؟ بوۋاقنىڭ جىسمانىي كۈچى ئاجىز، ئاسان چارچاش، يېنىك ھەرىكەتتىن كېيىن ئېغىزنىڭ ئەتراپى كۆكىرىش ياكى ئۇزاققىچە نەپەس چىقىرىش ئەھۋاللىرى بارمۇ - يوق؟