UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارغا ئۆزىنىڭ كىيىمىنى ئۆزى كىيىشكە قانداق ئۆگىتىش كېرەك؟

بالىلارغا ئۆزىنىڭ كىيىمىنى ئۆزى كىيىشكە قانداق ئۆگىتىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن سوسكا بىلەن سۈت ئىچىشنى ۋە سۇ ئىچىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان بالىلارغا نىسبەتەن ئىستاكان ئىشلىتىشنى ئۆگىتىش ۋە ئادەتلەندۈرۈش ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئىش ئەمەس. ئانىلار چوقۇم سەۋرچان بولۇشى، يېڭى باشلىغان ۋاقىتتا ئىككى تەرەپتە تۇتقۇچى بار ئىستاكاندا قايتا - قايتا مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۆگىتىشى كېرەك. مەشىق قىلغان ۋاقىتتا، ئىستاكاندىكى سۇ ئىنتايىن ئاز بولۇشى، ھەرگىزمۇ بىر قېتىمدا كۆپ سۇ قۇيۇۋەتمەسلىك، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئىستاكاننى تۇتقاندا قوللىرى ئەپلەشمىسە، چوڭلار ياردەملىشىپ ئىچكۈزۈپ قويۇشى كېرەك تاكى ئۇ مەشىق قىلىۋېرىپ، ئۆزى مۇستەقىل ئىستاكاندىن سۇنى ئىچەلەيدىغان بولغانغا قەدەر ياردەملەشسە بولىدۇ. ئانىلار ھەرگىزمۇ بالىلارنى بۇ جەھەتتە چېنىقتۇرۇشتىن بىزار بولماسلىقى ۋە ئەيىبلىمەسلىكى، دائىم بالىلارغا <قوزام ئىستاكاندا سۇ ئىچەلەيدىغان بوپتۇ، ناھايىتى قالتىس ئىكەن> دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىلھام بېرىپ تۇرۇشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزغىلى بولىدۇ ۋە تېزلا ئىستاكاننى قولغا ئالالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە