تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقدېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق بەدەندىكى تۆمۈر يېتىشمەي ھېموگلوبىننىڭ بىرىكىشى ئازايتىشتىن كېلىپ چىققان بىر خىل قان ئازلىق بولۇپ، بالىلاردىكى قان ئازلىقتا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىلى. تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق ئالتە ئايلىقتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، كېسەللىنىشى بىر ئاز ئاستا بولغانلىقتىن دائىم ئائىلە باشلىقلىرى تەرىپىدىن سەل قارىلىدۇ. تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىقنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى تېرە شىللىق پەردىلىرى بارا - بارا ئاقىرىش (كالپۇك، تىرناقنىڭ رەڭ ئىپادىسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك)، ئىشتىھاسى ئازلاش، قۇسۇش ياكى ئىچى سۈرۈشتىن سىرت يەنە بەزى بالىلاردا غەيرىي نەرسىلەرنى يېيىش خۇمارى مەسىلەن: داڭگال، توپا يېيىش قاتارلىقلار. روھى چۈشكۈن ياكى بىئاراملىق، زېھنىنى يىغالماسلىق، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا نەپەسلىنىش، يۈرەك رېتىمى تېزلىشىش، يۈرەك كېڭىيىش كۆرۈلىدۇ ياكى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەشتىن ئاسانلا بىرىكمە كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئائىلە باشلىقلىرى يۇقىرىقىدەك ئىپادىلەرنى بايقىغاندا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈپ داۋالىتىش كېرەك.