UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتونىلنىڭ قانداق رولى بار؟

تونىلنىڭ قانداق رولى بار؟

نېمە ئۈچۈن ئەنگىلىيە دېڭىز قولتۇقىنىڭ ئاستىدىكى تونىل ياسىلىپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى كىشىلەرگە ھەر قانداق ئېگىز تاغ، چوڭ دېڭىزنىڭ كىىشلەرنىڭ يولىنى توسۇيالمايدىغانلىقىنى جاكارلىغاندەك بولدى. دېڭىز قولتۇقى ئاستىدىكى تونىل 1987 - يىلى ياسىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 1993 - يىلى پۈتكەن. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 50 كېلومېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ 37 كىلومېتىرى دېڭىزنىڭ 40 مېتىر چوڭقۇرلىقىغا جايلاشقان. تونىلدا ئىككى تۆمۈر يول بولۇپ، تونىل پۈتكەندىن كېيىن پويىز بىلەن پارىژدىن لوندۇنغىچە ئۈچ سائەتتىلا بارغىلى بولغان. ياپونىيىنىڭ ياسىلىپ بولغان سېكان دېڭىز ئاستى تونىلى ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تونىل بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 53 كىلومېتىر 850 مېتىر كېلىدۇ. ياسىلىش پىلانلىنىۋاتقان ياپونىيىدىن كورىيىگىچە بولغان دېڭىز ئاستى تونىلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 235 كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن دېڭىز ئاستى تونىلى بولۇپ قالغۇسى. دۆلىتىمىزنىڭ تونىل قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمىمۇ كىچىك ئەمەس. شاڭخەيدىكى خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئاستىدىكى تونىل پۈتۈپ قاتناش باشلاندى. دۆلىتىمىزنىڭ تۆمۈر يول تونىللىرى بولسا سان - ساناقسىز. يوپىزغا ئولتۇرۇپ چېدۇ - كۈنمىڭ تومۈر يولى، ئىچكى مۇڭغۇل -ۋېنجۇ تۆمۈر يولىدا ماڭسىڭىز پويىزنىڭ كەينى - كەينىدىن تونىلدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. تونىل، قاتناشتىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. تاشيول ۋە تۆمۈر يول تونىلىدىن باشقا يەنە شەھەرلەردىكى يەر ئاستى كېرەكسىز سۇ ۋە ئىچىملىك سۇ تونىلى، يېزا ئىگىلىك سۇغىرىشىدا ئىشلىتىلىدىغان سۇ تارتىش تونىلى، كۆمۈر گازى تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش بىلەن ئېلېكتر سىم يولىغا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان تونىل ۋە يەر ئاستى تۆمۈر يول تونىلى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار نەمە
تونىلنىڭ قانداق رولى بار؟ | UyghurWiki | UyghurWiki