UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ ئوڭ مېڭىسىنى قانداق چېنىقتۇرغاندا، بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؟

بالىلارنىڭ ئوڭ مېڭىسىنى قانداق چېنىقتۇرغاندا، بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن مەكتەپكە كىرگۈچە بولغان مەزگىل بالىلارنىڭ ئوڭ مېڭىسىنى ئاچىدىغان ئالتۇن مەزگىل. ئاتا - ئانىلار قالغان ۋاقىتتا بالىنىڭ ئوڭ مېڭىسىنى چېنىقتۇرسا بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ھەربىر پارچە مۇسكۇلنىڭ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدە مۇناسىپ بولغان <ۋەكىللىك قىلغۇچى رايون> ى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بارماق ھەرىكىتى مەركىزىنىڭ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدە ئىگىلىگەن رايونى ئەڭ كەڭ. شۇڭا قولنىڭ ھەرىكىتى، بولۇپمۇ بارماقنىڭ ھەرىكىتى ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ ئەپچىل، ئەڭ پىششىق بولۇپ، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى نۇرغۇنلىغان نېرۋىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، چوڭ مېڭە تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ. شۇڭا بالىنىڭ قول ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇش بولسا ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئېچىشقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. تاش، قۇملارنى ئويناش ئارقىلىق بالىنىڭ قولىدىكى نېرۋا رېفلېكسىنى چېنىقتۇرۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بۇ خىل پائالىيەتلەر ھەم قۇلايلىق بولۇپ، مەشىق قىلدۇرۇشتا ئەڭ ئەپلىك ئۇسۇل. ئەپسۇس بەزى ئاتا - ئانىلار بۇ نەرسىلەرنى مەينەت دەپ قارايدۇ ياكى بارماقلارنى يارىلاندۇرىدۇ دەپ قاراپ، دائىم بالىلارنىڭ ئوينىشىنى چەكلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ مەشىق قىلىش پۇرسىتىنى بىر - بىرلەپ تارتىۋالىدۇ. بارماقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، كۆزىنى يۇمۇپ تۈگمىنى ئېچىش ۋە ئېتىش، خەت يېزىشنى مەشىق قىلىش، رەسىم سىزىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بارماقلارنىڭ ئېلاستىكلىقىنى كۈچەيتىدۇ. چوڭ مېڭىنىڭ پائالىيەت ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئاچىدىغان ئويۇنچۇقلارنى تىزىش، ۋارتاغا توپ تاشلاش، توپ ئۇرۇش، چوت سوقۇشنى ئۆگىنىش، بارماق مەشغۇلاتى قىلىش قاتارلىق نەپس پائالىيەتلىرى بارماقنىڭ ئەپچىللىكىنى چېنىقتۇرىدۇ. چوڭ مېڭە ۋە بارماق ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر يەتكۈزۈشنى كۈچەيتىدۇ. كۇبىك، سېغىز لايلار قاتارلىقلارنى ئويناش قولنىڭ ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ. دائىم بالىلارغا ئوڭ، سول قولنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكۈزگەندە چوڭ مېڭە ئىككى يېرىم شارچىسىدىكى ئەقلىي قابىلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئاچقىلى بولىدۇ. يامىشىشمۇ ئەقلىي قابىلىيەتنى مەشىق قىلدۇرۇشتىكى پايدىلىق ئۇسۇل، بولۇپمۇ بوۋاقلىق، بالىلىق مەزگىلىدە ئىنتايىن پايدىلىق. بىراق نۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ يەردە ئۆمىلىشىنى خالىمايدۇ. كىيىملىرىنى مەينەت قىلىۋېتىشىدىن، يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلىنىشىدىن قورقىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئوڭ مېڭىنى غىدىقلاشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆمىلەشنى مەشىق قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ بالىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇق تۇيغۇسى ۋە ھەرىكەت قىلىشىغا ئىنتايىن پايدىلىق. ئوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكەت جەريانىدا ئېرىشىدىغان ئېنىق ئوبرازچانلىقى ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ غىدىقلىنىشى جىم تۇرغان ۋاقىتتا قارىغاندا ناھايىتى تېز بولىدۇ. بوكس ئويۇنى ياكى گىمناستىكا ئوينىغان ۋاقىتتا مەقسەتلىك ھالدا سول قولىنى قايتا - قايتا بىر قانچە قېتىم ھەرىكەتلەندۈرگەندە، ئوڭ مېڭىنى غىدىقلاپ ئىلھامنى قوزغايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە