UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ تامىقى سۇيۇقراق، تۇز سىزراق، مايسىزراق بولۇشى كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ تامىقى سۇيۇقراق، تۇز سىزراق، مايسىزراق بولۇشى كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ تامىقى مايسىزراق بولغىنى ياخشى، تۇزنى ئازراق سېلىش كېرەك. چۈنكى بالىلارنىڭ بۆرەك، جىگەرلىرى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولۇپ، ئەگەر تۇز ئارتۇق بولۇپ كەتسە، بۆرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ كېتىپ، بالىنىڭ بۆرەك ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماققا ئىشلىتىلىدىغان تۇزدىكى ناترىي ئىئونلىرى، كالىي ئىئونلىرىنىڭ ئاجرىتىلىشى كۆپىيىپ، تۇزنى ئارتۇق ئىستېمال قىلغاندا، كالىي ئىئونلىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشى شەكىللىنىپ، بالىلاردا ھارغىنلىق ھېس قىلىدىغان، ئۈگدەيدىغان ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ تەكلىپىچە بىر ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ كۈندىلىك ئىستېمال قىلىدىغان تۇز مىقدارى ئىككى گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، بالىلىق ۋاقىتىدىن باشلاپ، بالىلاردا تۇزسىزراق، مايسىزراق تاماق يېيىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بۇ بالىلارنىڭ كەلگۈسى سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى، بۆرەك كېسىلى، ئارتېرىيە قان قېتىشىش كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارغا ئىمكانقەدەر چىلىغان يېمەكلىكلەرنى، كونسېرۋا ۋە ناترىي مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە