نېمە ئۈچۈن <ھاياتلىق يېمەك - ئىچمەكتە> دېيىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ساغلام ياشاپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن، بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر قورساق تويدۇرۇش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىگە ۋە يېمەكلىك بىلەن ئىنسانلار ساغلاملىقىنىڭ مۇناسىۋىتىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقاندەك قىلىدۇ.
بىزگە ئايان، ئادەم بەدىنى ئاقسىل، ماي، شېكەر، ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار، سۇ ۋە يەتتە تۈرلۈك تالالىق يېمەكلىكلەرگە ئېھتىياجلىق. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تۇرمۇشتا ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ۋىتامىنلار بىلەن تەمىن ئېتەلەيدىغان بىر خىل تەبىئىي يېمەكلىك يوق، شۇڭا بىزنىڭ كۈندىلىك يېمەك - ئىچمىكىمىز كۆپ خىللىشىشى كېرەك.
ئوزۇقلۇق ئىستېمال قىلىشتا بەدەننىڭ ئېھتىياجخغا ئاساسلىنىش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش لازىم، قورساقنى بەك تويدۇرۇۋېتىش ياكى بەك ئاچۇرۇۋېتىش ساغلاملىققا زىيانلىق.
ماي مۇھىم ئوزۇقلۇق تەركىب بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ كالورىيە مەنبەلىرىنىڭ بىرى. لېكىن ماي ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېيىلسە ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ، بۇ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى پەيدا بولۇشنىڭ ئاساسلىق ئامىلى.
زامانىۋى پەن تەتقىقاتى كىشىلەر ئىلگىرى ھېچقانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق، دەپ قارىغان يېمەكلىك تالالىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئادەم بەدىنىگە خېلى ياردىمى تېگىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەت ۋە ئۈچەي راكى پەيدا بولۇشتىن ساقلاش رولى بارلىقىنى بايقىدى.
ئادەم تۇزنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلسا، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ، شېكەرنى زىيادە ئىستېمال قىلسا، ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدۇ ۋە چىشىدىن كېتىدۇ، بۇلارنى ئازراق ئىستېمال قىلىش لازىم. كۈچلۈك ھاراق ئىسسىقلىق ھاسىل قىلغاندىن باشقا ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئوزۇقلۇق يوق، جىگەر، تالغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۇنى ئاز ئىچىش كېرەك.
يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، مۇنداق سەككىز ماددا بولىدۇ: يېمەكلىكنى كۆپ خىللاشتۇرۇش؛ بەك تويۇپ كەتمەسلىك، بەك ئېچىپمۇ كەتمەسلىك؛ ماينى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش؛ ئاق بىلەن قارىنى ئارىلاشتۇرۇپ يېيىش، تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىش، تاتلىق - تۈرۈمنى ئاز يېيىش، ھاراقنى ئاز ئىچىش، ئۈچ ۋاقلىق تاماقنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش.