UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن سېرىك ئارتىسلىرى پولات سىمدا ماڭغاندا ئىككى بىلىكىنى پۇلاڭلىتىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سېرىك ئارتىسلىرى پولات سىمدا ماڭغاندا ئىككى بىلىكىنى پۇلاڭلىتىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سېرىك ئارتىسلىرى ئىنچىكە پولات سىمدا چاققانلىق بىلەن ھەر خىل خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، بىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەگەر يەنە تەپسىلىي كۆزەتسەك، ئۇلارنىڭ پولات سىمدا ماڭغاندا ئىككى بىلىكىنى توختىماي پۇلاڭلىتىدىغانلىقىنى بايقايمىز، بۇ نىمە ئۈچۈن؟ ھەر قانداق جىسىم تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايمەن دەيدىكەن، ئۇنىڭ ئېغىرلىق كۈچىنىڭ رول سىزىقى تىيەك دائىرىسىدىن ئۆتۈشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن جىسىم ئوڭايلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. جىسىمنىڭ ئېغىرلىق كۈچىنىڭ رول سىزىقى مەركىزىدىكى تىك سىزىقتىن ئۆتىدۇ، تىيەك دائىرىسى جىسىم بىلەن ئۇنى تۇتۇپ تۇرغان جىسىمنىڭ ئۇچرىشىش دائىرىسىدۇر. مۇشۇ شارائىتقا ئاساسەن سېرىك ئارتىسلىرى پولات سىمدا تۈز يەردە ماڭغاندەك ماڭىمەن دەيدىكە، بەدەن ئېغىرلىق كۈچى رول سىزىقىنى پولات سىمدىن ئىبارەت بۇ تىيەك دائىرىسىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. ئەمما پولات سىم بەك ئىنچىكە بولغاچقا، بەدەننىڭ ئېغىرلىق رول سىزىقىنى ئۇنىڭدىن ئۆتكۈزۈش ناھايىتى تەس. شۇڭا، سېرىك ئارتىسلىرىنىڭ پولات سىمدا ماڭغاندا بىلىكىنى ئېچىپ ئوڭ - سولغا پۇلاڭلىتىشى بەدەننىڭ مەركىزىنى تەڭشەپ، بەدەننىڭ ئېغىرلىق كۈچى رول سىزىقىنى پولات سىمغا چۈشۈرۈپ، بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈندۇر. بەزى ئارتىسلار ئويۇن قويغاندا يەنە قولىغا ئۇزۇن كەلتەك ياكى يەلپۈگۈچ ئېلىۋالىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئويۇننىڭ قىيىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇ بىلەكنى ئۇزارتىش رولىنى ئوينايدۇ، ئارتىسنىڭ بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىشىغا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە